باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ساغلام غىزالىنىش ئۈسۇللىرى
2008- 09- 09 18:26 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      كۆپ خىل غىزالىنىش : كۆپ خىل غىزالىنىش يېمەكلىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان مۇھىم ھالقا بولۇپ، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىنى قوبۇل قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، بۇنىڭدا غىزالىنىشنى ئالدى بىلەن 10 خىل، 15 خىل يېمەكلىكتىن باشلاش كېرەك.

    ئاستا غىزالىنىش: بىر لوقما تائامنى 30 قېتىم چايناپ ئاستا يېيىش كېرەك. بىر قېتىملىق تاماقنى يېرىم سائەت يېگەندە، مېڭىگە، ئورۇقلىتىشقا، چىراي گۈزەللەشتۈرۈشكە، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

     گۆشسىز غىزالىنىش: بۇنىڭ مەنىسى ‹‹ئاساسى يېمەكلىك گۆشسىز بولۇش››دېگەنلىك، پەقەت گۆش يېمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس. بۇمۇ ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى ئوگانىزملار بەلگىلىگەن غىزالىنىش شەكلى بولۇپ، گۆشسىز غىزالىنىش مەدەنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

     بالدۇر غىزالىنىش: ئۈچ ۋاخ تاماقنى بالدۇر يېيىش كېرەك ، ئەتتىگەنلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش بولسا ئەقىلنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى. كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېگەندىمۇ 10 خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

     سوغۇق غىزالىنىش: يېمەكلىكلەرنى قىززىق ئىستېمال قىلىش قىزىلئۆڭگەچكە زىيانلىق. سوغۇقراق غىزالانغاندا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

      يېڭى–يېڭى غىزالىنىش: مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېمەكلىكلەر يېڭى بولغاندىلا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا، يېڭى– يېڭى غىزالىنىش، ئاشقان تاماقنى يېمەسلىك كېرەك.

     پاكىز غىزالىنىش : ‹‹پاكىز›› دېگەنلىك چاڭ- توزاڭسىز، بۇلغانمىغان، شۇنداقلا مىكروپسىز  يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     ئاز–ئازدىن غىزالىنىش: 21– ئەسىردە غىزالىنىش بىر كۈندە 5–6 قېتىم غىزالىنىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ ۋاخ تاماقتىن سىرت، يەنە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە، كەچتە سائەت 8دە ئاز ئازدىن غىزالىنىش بولۇپ، بۇ ئاز يەپ، پات پات غىزالىنىش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى كۆپ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ