|
غىزالىنىشتىن ئىلگىرى قىسقا ۋاقىت تېز مېڭىپ چېنىققاندا ، ئادەم بەدىنىدىكى زىيانلىق بولغان قان يېغىنى خورىتىپلا قالماي، يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەنگىلىيە تەتىقاتچىلىرى بىر گۇرۇپپا پىدائىينى كەچلىك تاماق ئالدىدا بىر كىلومېتر تېز ماڭغۇزۇپ، يۈرەك رېتىمى تېزلەشكەندىن كېيىن ئۇلارغا بىر ۋاخ تاماق بەرگەن. 2–كۈنى ئەتىگەندە ئۇلارغا ياغ تەركىۋى يۇقۇرى ناشتىلىق بەرگەن. 2– قېتىملىق سىناقتا تەجرىبە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ياغ تەركىۋى يۇقۇى تاماق بېرىشنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى يۈگىرىتمەستىن بەلكى دەم ئالغۇزغان. نەتىجىدە، تېز مېڭىپ ئارقىدىن ياغ تەركىۋى يۇقۇرى ناشتىلىق يېگەنلەرنىڭ قېنىدىكى ياغ تەركىۋى دەم ئالغانلاردىن %30 تۆۋەن بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى، ئادەم تېز ماڭغاندا ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئاشىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بەدەن زاپاس ياغقا تايىنىپ ئېنىرگىيە تولۇقلايدىكەن، نەتىجىدە قاندىكى ياغ تەركىۋى تۆۋەنلەيدىكەن.
|