|
ھەسەل ھەر خىل ئامىنو كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە خىلى ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدۇ. ھەسەلدىكى مېنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولىدۇ، بۇ ئادەم بەدىنىگە مېنېرال ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق .
ھەسەلدە يەنە ئادەم بەدىننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش، ئېممونتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار. يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ھەر كۈنى 20 – 40 گرام ھەسەل يەپ بەرسە بەدەن ساپاسىنى ياخشىلىغىلى، قاننىڭ تەركىبىنى ئۆزگەرتكىلى ھەمدە قان ئازلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ. جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئىچىپ بەرسە جىگەرنى ئاسىرغىلى ، جىگەر ھۈجەيلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئىچىپ بەرسە يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە ئاجىزلىشىنى چەكلەپ ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاشقازان پەردىسىگە يېپىش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى ، يارا يۈزىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەسەلنىڭ بەزى ياشانغانلاردا بولىدىغان يۇقىرى قان بېسىمى، قان ئازلىق، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، نېرۋا ئاجىزلىق، كاناي ياللۇغى ۋە ئۆت خالتىسى ياللۇغىنى داۋالاشتا بەلگىلىك ياردىمى بار. لېكىن ھەسەلنى ھەددىدىن ئارتۇق ئېستىمال قىلماسلىق كېرەك. بولمىسا ئاسانلا ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپن ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ھەسەل ئېستىمال قىلىشتا بۇ جەھەتكە ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.
|