باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇللىرى
2008- 09- 08 17:23 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      مىدىتسېنا مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىرىگە پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگىرەش، ۋېلىسپىت مىنىش ۋە سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش تەكلىپى بەرگەن. چۈنكى، بۇ ئۇزۇنغا چىداملىق ھەرىكەتلەر ئادەمنىڭ بۆرەك ئۈستى بېزى‹‹خورۇنۇپ›› قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكەن.

    سۆڭەك شالاڭلاش كېلىسىلىگە گېرىپتار بولغانلار ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەت مەشىق قىلىشى لازىم. كونكرېت چىنىقىش شەكلى؛ 20 مېنۇت پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگرەش ياكى ئوكسىگىنلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەش؛ ئۇنىڭدىن كېيىن 5 مىنۇت ئارقاندىن سەكرەش، 40 مىنۇت كۈچەش خاراكتېرلىك مەشق ئېلىپ بېرىش، توختىماستىن تەكرارلاش ئارقىلىق مۇسكۇللارنى چىنىقتۇرۇش لازىم.

     بەزى مۇتەخەسسىسلەر ‹‹بوغۇم يۇمشاق سۆڭىكى بوغۇم سۇيۇقلۇقىنى ئوزۇقلۇق ماددا بىلەن تەمىنلەيدۇ›› دەپ قارايدۇ. شۇڭا، دۈمبە، مۆرە، يانپاش، تىز قاتارلىق جايلىرى ئاغرىيدىغان كېسەللەر قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تىببىي كىمناستىكا ئوينىسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسپىت مىنىش ھەمدە سۇ ئۈستى گىمناستىكىسىمۇ بوغۇمنى ئاسراشقا پايدىلىق.

     گېرمانىيە كېلون تەنتەربىيە ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى پىيادە ساياھەت قىلىش، سۇ ئۈزۈش ياكى يۈگرەش سۈت بېزى راكى كېسەللىرىنىڭ ئىمونىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن باشقا ھەرىكەت داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى ھارغىنلىقنى ئازايتىدىكەن. لېكىن بۇنىڭ شەرتى تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ھەرىكەت مىقدارى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىك، ھەر ھەپتىدە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا يېرىم سائەت بولۇشى لازىمكەن.

     ئامېرىكا تىببىي ئالىملىرى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 15 كىلومېتر پىيادە ماڭسا، ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ بەك كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تورمۇزلايدىكەن. 

     كېلون تەنتەربىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئالىملىرى سەيلە قىلىش ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى، دەپ كۆرسەتكەن. ياشانغانلار ھەر ھەپتىدە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەت سەيلە قىلسا، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچىيىپ، 15 ياش ۋاقتىغا قايتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدىكەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ