|
ئىككى قۇشۇق تۇزغا بىر قۇشۇق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاغرىغان ، مىدىرلىغان چىشقا ۋە سۇنۇق چىشلارغا چاپسا ، چىش يىلتىزىنى پەسەيتىدۇ ۋە ئاغرىق پەسىيىدۇ .
سۈتلۈك ئوتنىڭ يىلتىزىنى ئۈزۈمنىڭ سۈيى بىلەن قاينىتىپ ، ئېغىزىنى چايقىسا بولىدۇ .
چىش ئاغرىقى ئىسسىقتىن بولغان بولسا رەۋغىتى گۈلنى ، سوغۇقتىن بولغان بولسا رەۋغىتى ئانار ، رەۋغىتى بابۇنە ۋە مەستىكە قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلارنى چاپسا بولىدۇ ، بۇنداق ياغلار بولمىسا ھەسەل بولسىمۇ بولىدۇ .
چىش قۇرت يېگەنلىكتىن ئاغرىسا ، كۈدە ئۇرۇقى ، پىياز ئۇرۇقى ، مىڭدىۋانى ئۇرۇقلىرىنى موم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇنى چوغنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ، چىققان ئىستا قۇمۇش نەيچە بىلەن ئاغرىغان چىشنى ئىسلىسا ، ئاچچىق ئىستا چىشتىكى قۇرۇت – باكتېرىيىلەر ئۆلۈپ چىشنىڭ ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ . قايتا ئاغرىمايدۇ .
چىش بوشاپ كەتسە ياكى ئاغرىغان چىش ئۇزىراپ قالسا ياكى باشقا ئاغرىمىغان چىشلارغا تېگىپ كېتىپ قاتتىق ئاغرىسا ، قىزىلگۈل ، ياسىمۇقا ، پۇرچاق ، نۇشۇدۇر ، كۇچۇلا ، زەپە ، ئانار پوستى قاتارلىقلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ، ئاغرىغان چىشنىڭ تۈۋىگە بېسىپ بەرسە ، ئاغرىق دەرھال پەسىيىدۇ . چىشنىڭ يىلتىزى چىڭىپ ، چىش چىداملىق بولىدۇ .
|