باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ئۈزۈم بىلەن ئالما جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
2008- 09- 01 18:05 تەڭرىتاغ تورى

      ئۈزۈم ، ئالما قاتارلىق مېۋىلەرنىڭمۇ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار . تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ، دائىم كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغۇچىلار ، شۇنىڭدەك جەمەتىدە ئىرسىيەت كېسەللىكى بارلار ، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئالما ، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، جىگەر راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .

    مۇتەخەسسىسلەر مېۋىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا دائىر مۇنداق ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى : 1 . كۈندە ئاز دېگەندىمۇ ئۈزۈم ، ئالما ، ئاپلېسىن قاتارلىق ئىككى خىلدىن ئارتۇق مېۋىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك ، ئەگەر شۇنىڭ بىلەن بىللە چېچەك سەي ، شوخلا ، سەۋزە قاتارلىق ئۈچ خىلدىن ئارتۇق كۆكتاتنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ؛ 2 . ئۈزۈم ، ئالما قاتارلىق مېۋىلەرنى سۇغا چىلاپ قۇيۇپ ، تازىلانغاندىن كېيىن پوستى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك ؛ 3 . كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىنىڭ مىقدارى 400–500 گرامدىن كەم بولماسلىقى ، خىللىرى ئىمكانقەدەر كۆپرەك بولۇشى كېرەك .

ئەھەد موسا تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ