باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
ئىقتىساد باشقۇرۇشتا قانداق قىلغاندا خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
2008- 09- 01 10:43 شىنجاڭ گېزىتى

   بىرىنچى، ئۆز مەبلىغى ۋە قەرزىنى چۈشىنىش ۋە ئېنىقلىۋېلىش كېرەك. پۇللىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، خام چوت ياخشى بولۇشى لازىم. خام چوت تۈزۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، مۈلۈك ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىش، ئۇنى ئوبدان دەڭسىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق ئىقتىساد باشقۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش كېرەك.  مۈلۈك ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى خاتىرىلەشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر.

   ئىككىنچى،  خۇسۇسىي ئىقتىساد باشقۇرۇش نىشانىنى مۇۋاپىق تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا يەتمەكچى بولغان نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋالغاندىن كېيىن، بۇ نىشان بويىچە تىزىملىك تۈزۈپ چىقىش لازىم، تىزىملىك قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى. ئاندىن بۇلارنى مۇھىم، مۇھىم ئەمەسلىكىگە قاراپ تۈرلەرگە بۆلۈپ، ئاساسلىق زېھنىنى ئەڭ مۇھىم نىشانىغا يېتىشكە قارىتىش كېرەك.

   ئۈچىنچى، دەسلىپىدە پۇل ئامانىتى، سۇغۇرتا قاتارلىق ئىقتىساد باشقۇرۇش يوللىرى ئارقىلىق ئاساسىنى پۇختىلىۋېلىش كېرەك. ئىقتىساد باشقۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە  خەتىرى ئاز، پايدىسى مۇقىم تۈرلەرنى ئاساس قىلىپ مەبلەغ سېلىش كېرەك.

   تۆتىنچى، بىخەتەر مەبلەغ سېلىپ، خەتەردىن ساقلىنىش كېرەك. مەبلەغ سېلىشتىن ئاۋۋال، خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى دەڭسەپ، مەبلەغ سالماقچى بولۇۋاتقان تۈرنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىش، ئاندىن ئۆز  شارائىتىغا ئاساسلىنىپ مەبلەغ سېلىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

   بەشىنچى، يېڭى نەرسىلەرنى توختىماي ئۆگىنىپ ۋە بايقاپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش پىلانىنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، بارغانسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ