|
ھەرىكەت قىلىش : ئادەم ئەقلىي ئەمگەك قىلغاندا كۆپىنچە بەدەن ھەرىكەتسىز ياكى ھەرىكەت ئىنتايىن ئاز ھالەتتە بولىدۇ ، شۇڭا ئاسانلا بەدەننىڭ مەلۇم يەرلىرى ئۇيۇشۇپ ، قان ئايلىنىش ياخشى بولمايدۇ ، سرتلارغا چىقىپ ئايلىنىش ، چېنىقىش ، توپ ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ، قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ ، زېھنى كۈچنى يىغىپ ، روھىي جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .
جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش : يەر سۈپۈرۈش ، ئۈستەل – ئۇرۇندۇقلارنى سۈرتۈش قاتارلىق يېنىك جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش خۇددى سىرتقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرغانغا ئوخشاشلا قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ ، جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ ، مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدۇ . شۇڭا ئەقلى ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى بىرلەشتۈرۈش ئەقلى جەھەتتىكى چارچاشنى يوقىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
سىرتنى تاماشا قىلىش : مەسلەن ، گۈل – گىياھلارنى كۆرۈش ، ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرىغا بېرىپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش ئادەمنى روھى جەھەتتىن تېتىكلەشتۈرۈپ ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ، مېڭىنى ناھايتى ياخشى ئارام ئالدۇرىدۇ .
مۇۋاپىق ئۇخلاش : ئەقلىي ئەمگەك تەسىرىدىن چارچاپ قاتتىق ئۇيقۇ كەلگەندە ، بىر قېتىم قېنىپ ئۇخلىۋالسا ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ ، مېڭىنى ئوبدان ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ .
بېشىنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيماسلىق : بەزىلەر مېڭىسى چارچىغان ھامان بېشىنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيىدىغان ئادەت بار . بۇنداق ئۇسۇل مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدۇ .
قەھۋە ئىچمەسلىك : نۇرغۇن كىشى قاتتىق چارچىغاندا ، ئۇيقۇسى بەك كەلگەندە قەھۋە ئىچىپ ، خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ . قەھۋەنىڭ غىدىقلەش رولى بولسىمۇ ، ئەمما ھارغىن مېڭىنى غىدىقلاۋەرسە ، ھەددىدىن زىيادە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئېغىر بولغاندا مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە زەخمە يەتكۈزىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، قەھۋەنىڭ ئاشقازانغا ئەكىس تەسىرى بولغاچقا ، ھەرخىل ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك .
كۆز گىمناستىكىسى ئويناش : ئەقلىي ئەمگەك قىلغاندا كۆزنىڭ چارچىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ ، كۆز مۇسكۇلىنىڭ زىيادە قىسقىرىشى ، چارچىشى تۈپەيلىدىن ھارغىنلىق ۋە زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ . كۆز ئاغرىيدۇ . بۇنداق چاغدا سىرتلارغا چىقىپ يىراقلارغا قاراپ ، كۆز گىمناستىكىسى ئويناپ بەرگەندە ، كۆزنىڭ ئاغرىشىنى ، غۇۋالىشىشىنى يوقىتىپ ، ھارغىنلىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ ھەمدە يېقىننى كۆرەلمەسلىك ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ھەرخىل كۆز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
تۇرسۇنتاي تۇرغان تەييارلىغان
|