|
250 گرام سامساق ، 25 گرام ئاچچىقسۇ ، 90 گرام قارا شېكەر تەييارلاپ ، سامساقنى ئاقلاپ چوڭراق توغراپ ، قارا شېكەر بىلەن بىللە ئاچچىقسۇغا بىر ھەپتە چىلاپ ، ھەر قېتىمدا 15 مىللېلىتىرغا ئازراق قايناق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، كاناي ياللۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
بىر دانە تۇخۇم ، ئۈچ گرام كاۋىچىن ، 15 گرام قارا شېكەر تەييارلاپ ، كاۋىچىننى 200 مىللىلېتىر سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىپ ، تىرپىنى سۈزىۋېتىپ ، سۈيىگە تۇخۇمنى چېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن قارا شېكەرنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا ئېرىتكەندىن كېيىن ، تاماقتىن ئىلگىرى ئاۋۋال قارا شېكەر سۈيى ،ئارقىدىن تۇخۇم شورپىسىنى كۈندە 2–1 قېتىم ئىستېمال قىلسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
|