باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
بەش خىل ئائىلە جابدۇقىنى سېتىۋالماڭ
2008- 08- 29 15:50 تەڭرىتاغ تورى

     كىشلەر ئۆينى بېزىمەكچى بولغاندا بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئەمما ‹‹زەھەر››پۈركەيدىغان ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئاسانلا قۇيۇۋېتىدۇ . شاڭخەي شەھەرلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىندا 52 ئائىلە جابدۇقلىرى زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرگەندە  ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئاران %63.5 ىنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان . مەسلە كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلاردا فورمالدېگىدنىڭ مىقدارى چەكتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن .

     جۇڭگو ئۆي ئىچى مۇھىتىنى ئۆلچەش ، نازارەت قىلىش مەركىزى بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئىستېمالچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، مۇنداق دېدى : فورمالدېگىد زەھەر تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى ماددا بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك خىمىيىلىك تەركىبلەرنى كونترول قىلىش تىزىملىكىدە 2 – ئورۇندا تۇرىدۇ . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خېلى بۇرۇنلا بۇ خىل ماددىنىڭ راك ۋە غەلىتە ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ بولغان . تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى ، فورمالدېگىد بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇچراشسا ، ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ، بۇرۇن راكى ، ئاق قان كېسىلىگە گرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئاشىدىكەن .

     شۇڭا ، ئىستېمالچىلار ئائىلە جابدۇقلىرى سېتىۋالغاندا ، چوقۇم زۆرۈر پەرقلەندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش كېرەك . ئىستېمالچىلار ئەڭ مۇھىمى ‹‹بەشنى سېتىۋالماسلىق›› قارىشىنى تۇرۇغۇزۇپ ، مۇنداق بەش خىل ئۆي جابدۇقىنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك :

     1. كۈچلۈك ، بۇرۇننى غىدىقلايدىغان پۇراق چىقىدىغان ئۆي جابدۇقىنى سېتىۋالماڭ ؛

     2 . سۈنئىي تاختايدىن ياسالغان ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ چەت – چۆرىلىرى پۇختا تولۇق قاپلانمىغان بولسا سېتىۋالماڭ ؛

     3 . باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن م باھاسىنى چۈشۈرمەك ئاسان ئائىلە جابدۇقلىرىنى سېتىۋالماڭ  ؛

     4 . ئىچكى سۈپىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچار ئائىلە جابدۇقلىرىنى سېتىۋالماڭ ؛

     5 . مۇنتىزىم كارخانىدا ئىشلەپچىقىرىلمىغان ياكى زاۋۇتتىن چىققاندا تەكشۈرۈلگەنلىك ئىسپاتنامىسى بىلەن سۈپەت تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغانلىق گۇۋاھنامىسى يوق ئائىلە جابدۇقلىرىنى سېتىۋالماڭ . بۇنىڭدىن باشقا ئىستېمالچىلار ئائىلە جابدۇقلىرىنى سېتىۋالغاندا سەگەك بولۇپ ، ساتقۇچى سودىگەرلەردىن ئائىلە جابدۇقلىرى تەركىبىدىكى فورمالدېگىد تەركىبىگە ئائىت چۈشەندۈرۈشنى سوراپ كۆرگىنى ياخشى .

مۇھەممەت تۇرسۇن تەرجىمىسى

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ