باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
قانداق ئەھۋالدا يۇيۇنماسلىق كېرەك ؟
2008- 08- 29 15:39 تەڭرىتاغ تورى

     قورساق تۇيۇپ كەتكەن ۋە قورساق ئېچىپ كەتكەندە يۇيۇنماسلىق كېرەك : قورساق تويۇپ كەتكەندە يۇيۇنسا بەدەندىكى تېرە ۋە قان تومۇرلىرى ئىسسىق سۇنىڭ تەسىرى بىلەن كېڭىيىپ ، بىر قەدەر كۆپ قان تېرە يۈزىگە ئېقىپ ، قورساق بوشلۇقىغا بارىدىغان قان نىسبىتى ئازىيىپ ، ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈشكە تەسىر يېتىپ ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنى ، ھەتتا ئۇشتۇمتۇت ھوشىدىن كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

      قىزىۋاتقاندا يۇيۇنماسلىق كېرەك : بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃38 قا يەتكەندە ، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق سەرپىياتى %20 ئېشىپ ، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ . بۇنداق چاغدا يۇيۇنسا ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ .

      ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنماسلىق كېرەك : ئىسپرت جىگەرنىڭ ھەرىكىتىنى تورمۇزلاپ ، گلۇكوزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ . ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنغاندا ، بەدەندىكى گلۇكوزىنىڭ سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ . قان شېكىرى ۋاقتىدا تولۇقلىنالماي ، ئاسانلا باش قېيىپ ، كۆز تورلىشىپ ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ. ئېغىر بولغاندا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىپ ، ھوشىدىن كېتىشى مۇمكىن .

    ئەمگەك قىلىپ بولۇپلا يۇيۇنماسلىق كېرەك : مەيلى جىسمانىي ئەمگەك ياكى ئەقلىي ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن بولسۇن ، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ ، ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك . بولمىسا ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن .

ئەھەد مۇسا تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ