|
ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە بارغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە خاتىرە بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشى ئادەتكە ئايلاندى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بەزى ساياھەت نۇقتىلىرىدا قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان، ساياھەتچىلەرنى قاقتى – سوقتى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە. نەتىجىدە ساياھەتچىلەرنىڭ سېتىۋالغان ماللىرىنىڭ سۈپىتىدىكى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈلىدىغان ئەرز – شىكايەتلەرمۇ كۆپىيىپ قالدى. ئۇنداقتا، ساياھەتتە مال سېتىۋالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى مەرھابا دىلشات مۇنداق دېدى: بىز ساياھەتچىلەر بىلەن دائىم بىللە يۈرگەچكە، بۇنداق ئىشلارغا كۆپرەك يولۇقىمىز. بايقىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشقا تىرىشىمىز. لېكىن بەزى ساياھەتچىلەر سىپىرلىق ئاپپارات، سىپىرلىق تېلېكامېرادەك قىممەت باھالىق بۇيۇملار ۋە خىلمۇخىل زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى چوڭ سودا سارايلاردا سېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ساياھەتكە چىققان دۆلەتتىن ياكى رايوندىن شۇ تۈردىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ پسىخىكىسىنى بىلگەن تىجارەتچىلەر ماللىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، ئۇنى ‹‹جاھاندا بىر قىلىپ كۆرسىتىپ›› ساياھەتچىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ – دە، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلىرىمىز بۇنداق بۇيۇملارنى، ھەتتا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن خېلىلا قىممەت باھادا سېتىۋالىدۇ. ئەمما ساياھەتچىلىرىمىز مال سېتىۋېلىش جەريانىدا ئۆزلىرى بىخەستەلىك قىلىپ، تالوننى تولۇق ئالمىغانلىقى سەۋەبلىك، ماللىرىدا سۈپەت مەسىلىسىنى سەزسە ۋە ياكى تۈرى، پاسونىنى ياقتۇرمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى قايتۇرماقچى ياكى ئالماشتۇرماقچى بولسا، تولىمۇ كېچىككەن بولىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، ساياھەت يېتەكچىلىرى ساياھەتچىلەرنى چوقۇم ماللىرىنىڭ سۈپىتى ئىشەنچلىك، باھاسى مۇۋاپىق، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى ئەلا سېتىش نۇقتىلىرى، سودا سارايلىرىغا باشلىشى، ساياھەتكە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۆمەك ئەزالىرىغا ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرگەندەك، ساياھەت لىنىيىسىدىكى مال سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىنى، سودا سارايلارنى ئالدىن تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەردە بۇ توغرىدا ئېنىق چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ساياھەتچىلەرمۇ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ساياھەت داۋامىدىكى مال سېتىۋېلىشتا سەگەك بولۇشى كېرەك.
|