باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
     سۇيۇق كرىستال ئېكرانلىق تېلېۋىزور سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
2008- 08- 28 16:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      سۇيۇق كرىستال ئېكرانلىق تېلېۋىزور سېتىۋالماقچى بولغانلار ئادەتتە يۇمشاق ئېكران ۋە قاتتىق ئېكران مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تىلغا ئېلىنىۋاتقان ‹‹قاتتىق ئېكران›› سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراننىڭ سۇيۇق ماددا قۇرۇلمىسىدىكى مۇقىملىق ۋە مۇستەھكەملىك سەۋىيىسىنى كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا سىلاپ باقسىلا ئەھۋالنى بىلگىلى بولىدىكەن؛ تىلغا ئېلىنغان ‹‹ يۇمشاق ئېكران››دا سۇيۇق كرىتال قۇرۇلمىسى تۈز سىزىق بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، سىلىغاندا قولغا يېنىك سۇ دولقۇنىدەك بىر خىل تۇيغۇ بېرىدىكەن.

    ئادتتە بازاردا سۇيۇق كرىستاللىق ئېكراننىڭ ‹‹ يۇمشاق›› ياكى ‹‹ قاتتىق›› لىقىنى پەرقلەندۈرمەك تەسرەك، چۈنكى سودىگەرلەرنىڭ پەشتاختىغا قويىدىغىنى مەخسۇس ئىشلەنگەن ئالاھىدە سۈپەتلىك سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران، ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن سۈرەتنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى. ئەمەلىيەتتە بۇنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇسۇل ئىنتايىن ئاددىي، يەنى سىلاپ باقساقلا كۇپايە. بىزگە ئايان‹‹ يۇمشاق سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران›› نى سىلىغاندا، قولغا بىر خىل تۈرۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ؛ ھەرىكەتلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرسەتكەندە كۆرۈنۈشنىڭ توختاپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، ئارقىدىكى كۆرۈنۈش ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا كۆرۈنىدۇ، بۇ چاغدا ئېكران بىر دۆۋە قالايمىقان كۆرۈنۈش سۈپىسىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما بۇ خىل ھادىسىنىڭ ‹‹ قاتتىق كرىستاللىق ئېكران›› دا پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ‹‹ يۇمشاق سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران›› نىڭ ماس ئىنكاس قايتۇرۇشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ، تېز سۈرئەتلىك سۈرەتلەر، يەنى مۇسابىقە كۆرسىتىلگەندە كۆرۈنەرلىك كەينىگە تارتىلىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، سۈرەت خۇنۇكلىشىپ كېتىدۇ، ھەرىكەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ سۇسلايدۇ. ئەڭ يامىنى شۇكى، بۇ خىل ئېكرانلىق تېلېۋىزورنى ئۇزاق كۆرگەندە كۆزدىن چاتاق چىقماي قالمايدۇ. شۇڭا،  ئىستېمالچىلار ئويلىشىپراق سېتىۋالغىنى ياخشى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ