|
قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە توختامدىكى پۈتۈمگە ئاساسەن، ئۆي سېتىۋالغۇچى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا ئۆينى قايتۇرسا بولىدۇ:
1. ئەمەلىي كۆلەم بىلەن توختامدا پۈتۈشكەن كۆلەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۈچ پىرسەنتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا؛
2. ئۆي ساتقۇچى تەرەپ توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆينى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋاقتى توشسىمۇ ئۆينى تاپشۇرۇپ بەرمىگەن بولسا؛
3. ئۆي ساتقۇچى تەرەپ پىلان، لايھىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى، شەكلى، يۆنىلىشى قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزگەن بولسا؛
4. ئۆي ساتقۇچى تەرەپ ئۆي ساتقان ۋاقىتتا تاۋار ئۆي سېتىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان بولسا؛
5. ئۆينىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلما سۈپىتى لاياقەتسىز بولغان ياكى ئۆينىڭ سۈپىتى ئۆينى نورمال ئىشلىتىشكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا؛
6. ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەرمىگەن بولسا؛
7. ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ قەرز پۇل ئېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان، ئىككى تەرەپ ئۆي پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىگەن بولسا؛
8. توختامدا پۈتۈشكەن ئۆي قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.
مۇشۇنداق ئاھۋاللاردا ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆينى قايتۇرماقچى بولسا، ئۆينى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۆي ساتقۇچىغا يازمىچە ئۇقتۇرۇشى لازىم. ئالدىنقى ئالتە خىل ئەھۋالدا ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆينى قايتۇرغاندا، ئۆي ساتقۇچى ئۆي قايتۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆي سېتىش توختامىدا ئۆي قايتۇرۇش تۆلەم ئۆلچىمى بەلگىلەنگەن بولسا، توختامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. توختامدا بەلگىلەنگەن تۆلەم ئۆلچىمى زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەتمىسە، يەتمىگەن قىسمىغا ئايرىم تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ . يۇقىرىقى ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئۆينى قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە ئۆي ساتقۇچىدا سەۋەنلىك بولمىسا، ئۆي ساتقۇچى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا، ئۆي سېتىۋالغۇچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئۆينى قايتۇرغاندا بانكىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق قەرز پۇل ئېلىش توختىمىنى بىكار قىلىپ، ئۆسۈم زىيىنىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
|