|
ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزۈلدۈرگۈچىسىنى پاكىزلاش ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئاپتوموبىل ھاۋا تەڭشىگۈچىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئادەتتە كۈندۈلۈك ئاسراش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . كەسپى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يازدا ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىسى كۆپ ئىشلىتىلدىغان بولغاچقا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامالدۇرغۇچىسى ۋە شامال يولىغا نۇرغۇن چاڭ– توزان، پاسكىنا نەرسىلەر كىرىۋېلىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچتە غەلىتە پۇراقنى پەيدا قىلىدىكەن. بۇ ئادەم تېرىسى شۇنداقلا نەپەس يولى سىستېمىسىغا زىيانلىق بولىدىكەن. ئەگەر بۇلار ۋاقىتدا تازىلانمىسا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۇۋۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ ناچار بولۇشى، شامالنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ، باشقا ھاۋا تەڭشىگۈچ كاشىلىلىرىنىمۇ پەيدا قىلىدىكەن. ئادەتتە، ئاپتوموبىل ھەر 5 مىڭ كلومېتىر يول يۈرگەندە ياكى ھەر 3 ئايدا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزگۈچىسى بىر قېتىم تازىلىنىپ تۇرىشى، ھەر 20 مىڭ كلومېتىر يول يۈرگەندە ياكى 12 ئايدا بىر قېتىم ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچىسى ئالماشتۇرىلىشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈز پەسلىدە، چوقۇم ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچىنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلىقىنى ئالماشتۇرۇش. قىسمەن ئاپتوموبىلى بارلار ياز پەسلىدە ئادەتتىكى سۇنى توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كۈز پەسىلدە توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلىقى ۋاقىتدا ئالماشتۇرۇلمىغاندا، تېمپراتۇرا تويۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتسە، ئاپتوموبىلنىڭ سۇۋۇتۇش سىستېمىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا تەسىرى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلىقىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ. ناۋادا ياز پەسلىدە ئىشلىتىلگەن توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتمىگەن بولسىلا، ئالماشتۇرۇشقا ئالدىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ناۋادا ئادەتتىكى سۈ ئىشلىتىلگەن بولسا، تېزدىن توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى ئالماشتۇرۇش لازىم. توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلىقىنى ئالماشتۇرغاندا، چوقۇم ماتورىنىڭ سۇۋۇتۇش سىستېمسىىنى پاكىزلاش كېرەك.
ئاپتوموبىل ئىچىنى تازىلاش. بەزى كىشىلەر ئاپتوموبىل ئىچىگە يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلارنى قويۇپ زىننەتلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاپتوموبىلدا چاڭ – تۇزاڭ ياكى باكتېرىيىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئورۇندۇق، گىلەم، مەركىزى كونتىرول تاختىسى، تەپكۈلۈك، ئىشىكنىڭ ئىچكى قىسمى، كەينى ساندۇقىمۇ چاڭ –توزان كۆپ، باكتېرىيىلەر توپلىشىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھاۋانىڭ چەكلىك بولۇشى، ئاپتوموبىل ئىچى ھىملىقىنىڭ ياخشى بولۇشى بىلەن، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھاۋا تېشىغا تارقىلالماي، زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈز پەسلىدە، ئەڭ ياخشىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى سەپلەنمىلىرىگە قارىتا بىر قېتىملىق تەلتۆكۈس تازىلاش ئېلىپ بېرىش لازىم. ناۋادا دىزىنپىكسىيىلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىلگەن بولسا، دېزىنپىكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىن، پاكىز سۇ ئارقىلىق ئاپتووبىلنىڭ ئىچىنى پاكىز پاختا رەخت بىلەن سۈرتۈۋېتىش، دېزىنپىسكىيەلەش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئادەمگە زىيان يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
|