باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ياش كۆرۈنەي دېسىڭىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ
2008- 08- 27 12:36 شىنجاڭ گېزىتى

      بىز دائىم ياشانغانلارغا ‹‹ياشلىق باھارىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت ساقلاڭ›› دېگەندەك تىلەكلەرنى بىلدۈرىمىز. ئۇنداقتا، بۇ گۈزەل ئارزۇغا قانداق يەتكىلى بولىدۇ؟ ئامېرىكا ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى مانكىل رويسىن كىشىلەرگە 12 خىل ياخشى چارىنى كۆرسەتتى:

     1. 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى يۇقىرى كىشىلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈنىگە ئاز مىقداردا ئاسپىرىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

     2. چىشنى چوتكىلاش. ھەر كۈنى چىشنى چوتكىلاپ تۇرغاندا چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

     3. قان بېسىمىنى كونترول قىلىش. قان بېسىمى 75/115 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولغان كىشىلەر قان بېسىمى يۇقىرى(90/160 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى بولغان) كىشىلەرگە قارىغاندا ياش كۆرۈنىدۇ.

    4. بېسىمنى ئازايتىش. ئادەم كۈن بويى زىيادە بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا، ئەمەلىي يېشىغا قارىغاندا ئون نەچچە ياش چوڭ كۆرۈنىدۇ؛ ئەكسىچە ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان ئادەملەر ئون نەچچە ياش ياش كۆرۈنىدۇ.

      5. ۋىتامىن ئىستېمال قىلىش. ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا ۋىتامىن C، ۋىتامىنE، ۋىتامىن D، ۋىتامىن B6، يوپۇرماق كىسلاتاسى ھەم كالتسىي ئىستېمال قىلىش ئادەمنىڭ ياش تۇرۇشىغا پايدىلىق.

     6. تالا ماددىسى تولۇقلاش. ھەر كۈنى يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق تالا ماددىسى قوبۇل قىلغان ئادەم تالا ماددىسى قوبۇل قىلمىغان ئادەمدىن ياش كۆرۈنىدۇ.

   7. بەدەن چېنىقتۇرۇش. ئازراق ھەرىكەت قىلسىمۇ، مەسىلەن: ھەر كۈنى 20 مىنۇت پىيادە مېڭىپ بەرسىمۇ ئادەمنىڭ ياش تۇرۇشىغا پايدىلىق.

     8. ماشىنىنى بىخەتەر ھەيدەش. ماشىنا ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى دائىم تاقىۋالىدىغان، ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى سائىتىگە 80 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇۋەتمەيدىغانلار ياش تۇرىدۇ.

     9. تاماكا تاشلىسىڭىز ھەم پاسسىپ تاماكا چېكىشنى رەت قىلسىڭىز، ياش تۇرىسىز.

     10. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش. يۇقىرى سۈپەتلىك سالامەتلىك ئاسراش، ساقلىق ساقلاش ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلنى كونترول قىلغان ئادەم بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئادەمگە قارىغاندا ياش تۇرىدۇ.

     11. ئېچىلىپ – يېيىلىپ قاتتىق كۈلۈش. كۈلۈش بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنى ياش كۆرسىتىدۇ.

     12.  ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندە، ئادەم ياش تۇرىدۇ.

    ئابدۇرېھىم توختى تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ