باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە سالامەتلىك
2008- 08- 27 12:30 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتوموبىل ھەيدەش تۇرمۇشقا ئاسانلىق يارىتىدۇ، تۇرمۇش چەمبىرىكىنىمۇ چوڭايتىدۇ، لېكىن ئۇ سالامەتلىككە دائىر بىر مۇنچە مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دائىم ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار تۆۋەندىكى بىر قانچە ئەپچىل چارە ئارقىلىق سالامەتلىكىنى ئاسرىشى لازىم.

     بويۇن، مۈرە، بەل ئاغرىش: ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، ئۇزاق ۋاقىت قاتمال ھالەتتە تۇرغاچقا، قان ئايلىنىش راۋان بولماي، ئۇزاق ۋاقىت جىددىي ھالەتتە تۇرغان بويۇن، مۈرە، بەل مۇسكۇللىرى ئاغرىيدۇ. بويۇن مۇسكۇلى ھەتتا ئۇيۇشۇپ، مۇزلاپ ياكى چىڭقىلىپ كېتىدۇ.

     تەكلىپ: ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش ياكى ئۇدا ئىككى سائەت ھەيدىگەندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئون مىنۇت ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناپ بويۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈش، باشنى ئوڭ – سولغا، ئالدى – كەينىگە چايقاش، باشنى بەك ئۇزاق ئېڭىشتۈرمەسلىك، ئارقىغا 45 گرادۇس ئېگىش، بەلنى چېنىقتۇرغاندا، ئىككى پۇتنى كېرىپ، مۈرە بىلەن تەڭلىككە كەلتۈرۈش، ئىككى قولدا بەلنى تۇتۇپ، بەلنى ئوڭ – سولغا 45 گرادۇس بۇراش، ئاندىن بەدەننى ئالدىغا ئېگىپ، كەينىگە سوزۇپ، بىر نەچچە قېتىم ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

     كۆرۈش قۇۋۋىتى ھاردۇقى: بەزى يېڭىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگەنگەنلەر ئۇدا بىر مەھەل ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىن كېيىن كۆزى ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. سەۋەبى: يېڭىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگەنگەنلەر ھەمىشە جىددىي ھالەتتە يولغا تىكىلىپ ئولتۇرغاچقا، كۆزىگە ھاردۇق يېتىدۇ.

     تەكلىپ: بىر مەھەل ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنى بىخەتەر جايغا توختىتىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئالدۇرۇش، ئەڭ ياخشىسى، قۇياشتىن مۇداپىئە كۆرۈش كۆزەينىكى ئارقىلىق كۆزنى ئاسراش لازىم.

     سېمىزلىك: دائىم ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار بارا – بارا سەمرىپ، بېلىدە ‹‹قاتماللىق›› شەكىللىنىدۇ . تەكلىپ: ھەر كۈنى يېرىم سائەت پىيادە مېڭىشقا ئادەتلىنىش لازىم.

     ھاۋا تەڭشىگۈچنى دائىم ئېچىپ قويۇش: ھاۋا تەڭشىگۈچنى دائىم ئېچىپ قويغاندا، باش قېيىش، كۆڭۈل ئاينىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزاق ۋاقىت ئېچىپ قويىدۇ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئاچمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا راۋان ئالمىشالماي بۇلغىنىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا ھەمىشە بېشى قېيىش، ئىچى ئېلىشىش، بەزىدە ھەتتا قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    تەكلىپ: ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دېرىزىنى مەلۇم ۋاقىت ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم.

     تېز سۈرئەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يۈرەك زەخىملىنىدۇ : بەزىلەر ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدەيدۇ. بۇنىڭدا ئاسان خەتەر كۆرۈلۈش خەۋپى بولغاندىن سىرت، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىمالىمۇ بولىدۇ. سەۋەبى: ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدىگەندە، دىققەت بەك مەركەزلىشىپ، ئادەم باشتىن – ئاخىر جىددىي ھالەتتە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت ئاز بولغاچقا، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، يۈرەكتە ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ياشلار ئۇزاق ۋاقىت ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدىسە، بالدۇرلا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

     تەكلىپ: تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە سۈرئەتنى بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ۋاقىت بولسىلا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ، جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى بوشاشتۇرۇش لازىم.

     سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى يەللىكى: سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى يەللىكى دائىم شوپۇرلاردا كۆرۈلىدىغان كەسپى كېسەللىك. ئۇزاق مۇددەت، ھەتتا ئون نەچچە سائەتلەپ ماشىنا ھەيدىگەندە ھاۋا ئۆتۈشمەي مەزى بېزىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ياخشى بولماي، سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزىگە قان چۈشۈش، مەزى بېزى يەللىكلىنىش كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ئىسپېرمىن كۆك قان تومۇرى ئەگرى ئۆسۈپ، ئىسپېرما تىنىپ قالىدۇ.

     تەكلىپ: ئۇزاق مۇددەت ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ساقلىنىش، بىر – ئىككى سائەتتە ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ھەرىكەت قىلىش، يېيىش – ئىچىش، يېتىش – قوپۇشتا قانۇنىيەتلىك بولۇش، كېچىلەپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئىسكەندەر ئىسمائىل تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ