|
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يورۇتۇش مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2008 – يىلى دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزغا تەقسىملەپ بەرگەن مالىيىدىن تولۇقلىما بېرىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغنىڭ سانى 1 مىليون 400 مىڭ دانە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ تۈرنى نۇقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى، سانجى، ئىلى، بايىنغولىندا يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.
11 ۋاتلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يالتىراق چىراغنىڭ باھاسى مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىلگەندىن كېيىن، سەككىز يۈەندىن ھازىر 3.9 يۈەنگە چۈشتى. ئائىلىلەردە 60 ۋاتلىق ئادەتتىكى نوغۇچ چىراغنىڭ ئورنىغا 11 ۋاتلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغ ئىشلىتىلسە، بىر يىلدا 600 يۈەن ئەتراپىدا توك پۇلىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئاھالىلەر بۇ خىل ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغنى سېتىۋالماقچى بولسا، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەرھاد ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: ‹‹ئىلگىرى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىنى كان – كارخانا ۋە ئىدارە ئورگانلارغا قاراتقانىدۇق. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات يېتەرلىك بولمىغاچقا، يېزا – بازارلاردىكى ئادەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئېڭى ئانچە يۇقىرى بولماي كەلگەن. بۇ قېتىم مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش شەكلى ئارقىلىق يېزا – بازارلاردىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ››.
|