|
قارا كۈنجۈت تەركىبىدە ئاقسىل ، ماي ، كالتىسىي ، فوسفور ، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار بولۇپ ، ئۇنىڭ داۋالاش ، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ، ئۈنۈمى ئادەتتىكى كۈنجۈتلەرنىڭكىدىن ئالاھىدە يۇقىرى .
قارا كۈنجۈت جىگەر ۋە بۆرەككنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، قان كۆپەيتىش ، چاچنى قارايتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە . ئۇنىڭ تىبابەتچىلىكتە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە :
1 . قارا كۈنجۈتنى قورۇپ پىشۇرۇپ ، يۇمشاق يانجىپ ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ، كۈنىگە ئۈچ – تۆت قوشۇقتىن يەپ بەرسە ، كېسەلدىن كېيىنكى بەدەن ئاجىزلىق ، قەۋزىيەت ، باش قېيىش ، بەل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئالاھىدە شىپا بولىدۇ .
2 . قورۇلغان قارا كۈنجۇتتىن 250 گرام ، زەنجىۋېلدىن 125 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، قازاندا ئازراق قورۇلۇپ سوۋۇتۇلىدۇ . ئاندىن يەنە ناۋاتتىن 125گرام ، ھەسەلدىن 125 گرام ئېلىپ ئېرىگۈچە ئارىلاشتۇرۇلۇپ ، چوڭ ئېغىزلىق بوتۇلكىدا ساقلىنىدۇ . بۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەن ، كەچتە بىر قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياشانغانلاردا بولىدىغان زىققا كېسىلىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ .
3 . قارا كۈنجۈتنى قايتا – قايتا بىر نەچچە قېتىم قاينىتىپ ھەم ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئېزىپ ، چىلان مەلھىمى بىلەن كۇمىلاچ قىلىپ يەپ بەرسە ، ئاق چاچنى قارايتىدۇ ، چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
4 . يۇقىرى قان بېسىمى ، سوزۇلما خاراكتېرلىك نېرۋا ياللۇغى ، پالەچ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گرىپتار بولغۇچىلار داۋاملىق قارا كۈنجۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ .
5 . مەلۇم مىقداردىكى قارا كۈنجۈت ، ئالىقات ، كۆپ يۇپۇرماقلىق قامچىئوت ۋە خاڭجۇ جۇخار گۈلىنى سۇدا قاينىتىپ ، ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان كۆز قاراڭغۇلىشىش ، باش قېيىش ، چاچقا بالدۇر ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ .
خەمىت تۇرسۇن تەييارلىغان
|