|
ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتىدا ، ھەپتىدە بىر قېتىم بىر سائەت يول مېڭىشنىڭ چوڭ ئۈچەي راكىغا گرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %30 تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . ئالىملار 40–65 ياشقىچە بولغان 79 مىڭ 295 ئايالنى 16 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن بولۇپ ، بۇلاردىن بىر قىسىملىرى تەتقىقات جەريانىدا چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان .
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، ھەپتىدە 1–1.9 سائەتكىچە يول يۈرگەن ئاياللارنىڭ پىيادە يول يۈرمەيدىغانلارغا قارىغاندا چوڭ ئۈچەي راكىغا گرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %31 تۆۋەن بولىدىغانلىقى ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەپتىدە تۆت سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرىدىغانلار ياكى جىددىي تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللارنىڭ بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %44 تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .
رۇقىيە تەرجىمىسى
|