|
1. بۆرەككە تاش چۈشۈش ، بۆرەك ياللۇغى ، بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش ، بۆرەك توبېركۇليوز ، بۆرەك تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق قاتارلىق بۆرەك كېسەللىرىدە بەل ئاغرىيدۇ .
2 . ئاياللارنىڭ داس بوشلۇقى ياللۇغلانسا كۆپىنچە قورساق تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قۇشۇپ بەل ئاغرىيدۇ .
3 . ئەرلەردە مەزى بەزى ياللۇغى ، مەزى بېزى يوغىناپ كېتىش ، مەزى بېزى ئۆسمىسى پەيدا بولسا ، بەل ئاغرىيدۇ .
4 . ئاشقازان ئاستى بېزىدە كېسەل كۆرۈلۈپ ، ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا بەل ئاغرىيدۇ ، شۇڭا كېسەلنى ۋاقتى داۋالىتىش كېرەك .
5 . ئۆپكە ، ھەزىم قىلىش يولى ، جىگەر ، ئۆت كېسەللىكلىرى ، بەلگە سوغوق ئۆتۈپ قېلىش سەۋەبىدىنمۇ بەل ئاغرىيدۇ .
مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان
|