|
ئابلىمىت ساۋۇت
بۈگۈنكى ئىقتىسادىي جەمئىيەتتە ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادچىللىقتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئىقتىسادچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش بەكمۇ مۇھىم. بالىلاردا ئىقتىسادچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئالدى بىلەن، ئۇلارغا سەمىمىيەت تەربىيىسى بېرىش كېرەك. ئوغلۇمغا گۈدەك چاغلىرىدا دادامدىن ئاڭلىغان، چۆچەكلەر توپلىمىدىن ئوقۇغان بالىلارنى ئەقىللىق، سەمىمىي، ئىشچان قىلىپ تەربىيىلەشكە پايدىسى بار چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرىش ۋە شۇ مەزمۇندىكى كارتون فىلىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق سەمىمىي بولۇش ھەققىدە تەربىيە بېرەتتىم. بىر كۈنى ئوغلۇم ئىككىمىز موتسىكلىتقا ماي قاچىلىتىشقا بارغانىدۇق، ماي قاچىلىغۇچى تۆت مو پۇلنى ئارتۇق قايتۇرۇپ بەرگەن ئىكەن، شۇ چاغدا بۇنى ئوغلۇمغا سەمىمىيەت تەربىيىسى بېرىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ قاراپ، تۆت مو پۇلنى ئوغلۇمنىڭ ئالدىدا ‹‹بۇ پۇل ئارتۇق قايتۇرۇلۇپ قاپتۇ››، دەپ ماي قاچىلىغۇچىغا قايتۇرۇپ بەردىم.
بالىلاردا ئىقتىسادچىللىق، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۇلارنىڭ پۇلنى ئەھمىيەتلىك يەرگە خەجلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھېيت – بايرام، تۇغۇلغان كۈنلىرىدە بالىلارنىڭ خېلى پۇلى يىغىلىپ قالىدۇ، شۇ مەزگىلدە ئۇلارنى يىغقان پۇلىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. بولمىسا ئۇلار پۇلىنى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن بۇزۇپ – چېچىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنداق بولۇۋەرسە، بالىلاردا ئىسراپخورلۇق ئادىتى يېتىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى يىغقان پۇلىنى كىتاب سېتىۋېلىش، چوڭ دادا – چوڭ ئانىلىرىنى يوقلاشقا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى لازىم.
ئاتا – ئانىلار‹‹بالام، پۇلۇڭنى مەن ساقلاپ بېرىمەن›› دەپ بالىلارنىڭ پۇلىنى ئېلىۋېلىپ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بىر قېتىم ئوغلۇم ساقلاشقا بەرگەن 15 يۈەن پۇلىنى بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى، سەۋەبىنى سورىسام، ‹‹ئويۇنچۇق ماشىنا ئالىمەن›› دېدى. ‹‹ئويۇنچۇق ماشىناڭمۇ ئاز ئەمەس، بەتخەجلىك قىلما›› دېسەممۇ ئۇنىمىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ 15 يۈەن پۇلىغا 50 يۈەن قوشۇپ بەردىم. ئۇ ھەيران بولۇپ كۆزۈمگە قارىدى.
— بۇ پۇلنى ئۆزۈڭ خەجلەيسەن، ئەمما ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق ئەمەس، تېلېۋىزورنىڭ ئانتېنىسى، ئىشىك قوڭغۇرىقى ئالىسەن، ئۇ نەرسىلەرنى ئۆزۈڭ ئورنىتىسەن، بولامدۇ؟ دېۋىدىم. ئۇ دەرھال ماقۇل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلۇم ئۆيدىكى ئېلېكتر سايمانلىرى بۇزۇلسىلا، ‹‹مەن ئوڭشايمەن›› دەپ چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپ، ھەپىلىشىپ باقىدىغان بولۇپ قالدى. كېيىن يەنە ھويلىدىكى تۇرۇبا يولىنىڭ ھەر مېتىرىنى كولاشقا ئىشلەمچىلەرگە بەش يۈەندىن كۆتۈرە بەرگەنىدىم، بالام نەۋرە ئاكىسى بىلەن بۇ ئىشقا قاتنىشىپ 15 يۈەندىن پۇل تاپتى، كەچتە قارىسام ئۇلار ھارغاندەك ئەمەس، روھىي كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈندى.
بالىلاردا ئىقتىسادچىللىق، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە مەكتەپ بىلەن ئاتا – ئانىلار تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەن ئىككى قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنىدە سىنىپتىكى ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ يېنىدىكى ئۆرۈك پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەشكە تەشكىللەپ، تاپقان پۇلنى ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىپ، نېمە ئىشقا ئىشلەتكىنىنى ئېيتىشنى تاپىلىدىم. بۇ ئىشتىن ئوقۇغۇچىلارمۇ، ئاتا – ئانىلارمۇ سۆيۈندى. ئائىلىدە، مەكتەپتە بالىلارغا پۇلنى توغرا يول بىلەن تېپىش، تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەربىيىگە ئەھمىيەت بەرگەندە، بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئىقتىسادچىللىق، ئىقتىساد باشقۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
|