|
ئادەتتە بەدەن قان سۇيۈقلۇقىدىكى خولىستېرىن بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئارتېرىيە قېتىشىش ، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى ، يۈرەك موسكۇل تىقىلمىسى ۋە ھەر خىل مېڭە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەمما قان سۇيۇقلۇقىدىكى خولىستېرىن مىقدارى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ ، بەدەندىكى ئاق قان شارچىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىلاستىكىلىقلىقى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندە راكنى پەيدا قىلغۇچى ھۆجەيرىلەر كۆپىيىپ ، نەتىجىدە راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ .
ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، بەدەندىكى خولىستېرىننىڭ مىقدارى زىيادە تۆۋەن كىشلەرنىڭ تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى نورمال كىشلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغاندىن سىرىت باشقا راك كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئۇلاردىن خېلىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى
|