باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
چىشنى ئاسىراش ساغلاملىققا پايدىلىق
2008- 08- 21 15:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

       ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە قىزلار يەتتە ياشتا بۆرەك قۇۋىتى كۈچىيىپ، چىشلىرى ئۆسسە، 37 ياشتا بۆرىكى تەڭپۇڭلىشىپ، چىشنىڭ ئۆسۈشى مۇقىملىشىدىكەن؛ ئەرلەر سەككىز ياشتا بۆرەك قۇۋىتى كۈچىيىپ، چىشلىرى ئۆسىسە، 38 ياشتا بۆرەك تەڭپۇڭلىشىپ سۆڭەك، پەي، مۇسكىللىرى كۈچلىنىپ، چىشنىڭ ئۆسۈشى مۇقىملىشىدىكەن. بۇنىڭ مەنىسى قىز –ئوغۇللار 7 –8 ياش ۋاقتىدا بۆرىكى كۈچلىنىپ، چىشلىرى ئالمىشىشقا باشلاپ، چاچلىرى ئۆسىدۇ، قىزلار 21 ياش ۋاقتىدا بۆرەك قۇۋىتى تولۇپ، يېتىلىپ ئەقىل چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، ئوغۇللار 24 ياش ئەتراپىدا سۆڭەك موسكۇللىرى كۈچلىنىپ، ئەقىل چىش چىقىشقا باشلايدۇ دىگەنلىك.

      ئېغىز بوشلۇقى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، چىشنىڭ ئادەملەرنىڭ تىل ئىپادىلىشى، گۈزەللىكى ۋە چايناش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ.

    جوڭگو تىبابەت ئىلمى نۇقتىسىدىن بايان قىلغاندا، چىشنىڭ ئاساسلىق رولى ـ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش. يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى ئالدى بىلەن ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى مۇۋاپىق مىقتاردا شۆلگەي ئاجرىتىپ، چىش يېمەكلىكنى ئېزىپ بېرىدۇ –دە، سۇيۇقلۇق بىلەن يېمەكلىكلەر تولۇق ئارىلىشىپ، چايناش ئارقىلىق رېفلېكىسلىق ھالدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى كۆپەيتىپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئۈچەي ئاشقازاننىڭ ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئادەم بەدىنى ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن ھەر خىل باكتېرىيە، ۋېروس، پارازىت قۇرۇتلارنىڭ تۇخۇملىرىمۇ ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. نورمال كىشىلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زور مىقتاردا مېكروپ جانلىقلار مەۋجۇت. مەسىلەن: زەنجىرسىمان شار باكتېرىيە، ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيە، سۈت كېىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلار .

       بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: چىش مىلىك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى دۆلىتىمىزدە %50 بولۇپ، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، نەپەس سىستېمى كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسەللىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دېققەت قىلماسلىقتىن بولۇپ، زور مىقتدردىكى كېسەللىك باكتېرىيىسى ئېغىز بوشلۇقىدا كۆپىيىپ سۈت كېسلاتاسى پەيدا قىلىدۇ، سۈت كېسلاتاسى چىشنى چىرىتىپ نېكروزلۇق چىش مىلىكى ياللۇقى، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، يوتقۇنچاق ياللۇقى، شۆلگەي بەزلىرى ياللۇقى، چىش يىلىكلىرى نېكروزلىنىش، چىش ئەتراپى ياللۇقى، چىش ئوقۇرى يىرىڭلىق ئىشىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىدىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەر يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مۇشۇ ئارقىلىق پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: رېماتىزىم، بوغۇم ياللۇقى، بۆرەك ياللۇقى قاتارلىقلار. ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى كېسەللىكلەردىن ساقلىنىمەن دىسىڭىز ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا دىققەت قىلىڭ.    

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ