|
ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە دىققەت قىلىش : چاچ ئادەم بەدىنىنىڭ بىر قىسمى ئۈچۈن چاچنىڭ ئۆسۈشىگە كېرەكلىك بولغان ئاقسىل ، ھەرخىل مېنرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بىر قەدەر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك .
دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش : ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىش ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان تەركىبىدىكى ھەر خىل ھورمۇنلارنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەددىدىن زىيادە چارچاش بەدەندىكى ئېنېرگىيىنى زىيادە خورىتىۋېتىدۇ . ئەگەر بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا ، بارا – بارا چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش كېرەك .
چاچنى سۇلياۋ تاغاق بىلەن تارىماسلىق : سۇلياۋ تاغاق ئاسانلا ستاتىك ئېلېكتر ھاسىل قىلغاچقا ، چاچقا ۋە باش تېرىسىگە زىيانلىق .
باش كىيىمىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇش : ئۇزاق مەزگىل شامال ئۆتۈشمەيدىغان باش كىيمى كىيگەندە چاچ بۇرۇقتۇم بولۇپ قېلىپ ، ئۆسۈش نۇقتىلىرىدىكى تېرە ، مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكىلىقى يوقاپ ، چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ .
چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك : چاچ يۇيغاندا باشنى ئۇۋىلاپ بەرسە ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، چاچقا كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەمىنلىنىشنى ياخشىلايدۇ .
چاچ قۇرۇتقۇچنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش : بۇ ئەسۋاب چىقارغان شامال ناھايتى ئىسسىق بولغاچقا ، ئاقسىلدىن تەركىب تاپقان چاچ توقۇلمىلىرىنى بۇزۇۋېتىدۇ .
مايسىزلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەسلىك : مايسىزلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ سۇسىزلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىمۇ ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ ، چاچنى ئاسانلا قۇرغاقلاشتۇرۇپ ، باش تېرىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ .
|