باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
مېڭىدە قان نوكچىسى تەكرار پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا...
2008- 08- 20 18:22 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش : مېڭىسىدە قان نوكچىسى پەيدا بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قان تەركىبىدىكى ياغ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىش بىلەن قاننىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . دورا بىلەن قاندىكى ياغنى تۆۋەنلەتكەندە ئاسانلا ‹‹قايتا قوزغىلىش ھادىسىسى ›› كۆرۈلىدۇ . شۇڭا يېمەكلىك ئارقىلىق قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش كېرەك . ئادەتتە سۇيۇق سېلەڭ يېمەكلىكلەرنى يەپ سۇ مىقدارىنى تولۇقلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك . بولۇپمۇ ئەتىگەندىن باشلاپ سۇ تولۇقلاشنى قەتىي داۋاملاشتۇرۇپ ، قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

   ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش : مۇۋاپىق مىقداردىكى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش ، قان تەركىبىدىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىش ، قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئويناپلا قالماي ، يەنە پۇت ، قول ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم .

    پىسخىكىلىق داۋالاش : مېڭىسىدە قان نوكچىسى پەيدا بولغانلار روھى ھالىتىنى تەڭشىشى ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشى ، كۆڭلى كۆكسىنى كەڭ ، ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشى كېرەك .

    دورا ئارقىلىق داۋالاش : قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدىغان ، قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان ، قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېچىش كېرەك .

 مۇكەررەم مۇھەممەت تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ