باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
يان تېلېفون ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2008- 08- 19 17:20 تەڭرىتاغ تورى

     1. يان تېلېفونغا توكنى تولۇق قاچىلاپ ئىشلىتىش ، بولۇپمۇ يېڭى يان تېلېفوننى دەسلەپتە 12 سائەت توك قاچىلاپ ئىشلىتىش كېرەك.

    2.يان تېلېفونغا توك قاچىلىنىۋاتقاندا ھەرگىز سۆزلەشمەسلىك ، ئەگەر جىددىي سۆزلىشىشكە توغرا كەلسە ، توك قاچىلاشنى توختىتىپ سۆزلىشىش كېرەك.

    3.يان تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئامال بار قىسقا سۆزلىشش كېرەك . ئەگەر ئۇزۇن سۆزلىشىشكە توغرا كەلسە ، مۇقىم تېلىفونلاردا سۆزلىشىش كېرەك . بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.

    4.يان تېلېفوننى ئامال بار بويۇنغا ئاسماسلىق ۋە يانچۇققا سالماسلىق كېرەك . چۈنكى بۇنداق قىلىش يۈرەك ، بۆرەك قاتارلىق موھىم ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق .

    5.يان تېلېفوننى ياستۇقنىڭ يېنىغا ۋە ئاستىغا قويۇپ ئۇخلىماسلىق كېرەك.

    6.يان تېلېفوننى ھەرگىز تېلېۋىزور، كومپىيوتېر ، توڭلاتقۇ ، ئاۋاز ياڭراتقۇ ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ، رادىئو قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا ۋە ئۈستىگە قويماسلىق كېرەك.

    7.يان تېلېفوننى ئەڭ ياخشىسى سول قۇلاققا تۇتۇپ سۆزلىشىش كېرەك.

    8.يان تېلېفوننى ئەڭ ياخشىسى 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىشلەتمەسلىكى لازىم .

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ