باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
يان تېلېفوننىڭ بەدەنگە قانداق زىيىنى بار؟
2008- 08- 18 16:53 شىنجاڭ گېزىتى

   كىشىلەر يان تېلېفوننى ئىشلەتكەندە ئادەم بەدىنى باش پونكىت يان تېلېفون ئارقىلىق ئەۋەتكەن رادىئو دولقۇنىنى ئازدۇر – كۆپتۇر سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇ ئېلېكتر دولقۇنلىرى يان تېلېفون رادىئاتسىيىسىدىن ئىبارەت. يان تېلېفون رادىئاتسىيىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زادى قانچىلىك زىيىنى بار؟ قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

   ئادەتتە، يان تېلېفون بىكار تۇرغاندا رادىئاتسىيە كىچىكرەك، سۆزلەشكەندە چوڭراق بولىدۇ، يان تېلېفوندا تېلېفون نومۇرىنى بېسىپ، تېلېفون تېخى ئۇلانمىغاندا، رادىئاتسىيە ئەڭ چوڭ بولۇپ، رادىئاتسىيە مىقدارى يان تېلېفون تېخى ئۇلانمىغان چاغدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇ رادىئاتسىيىلەر ئادەم ئورگانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، ساغلاملىققا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. يان تېلېفون رادىئاتسىيىسىنىڭ ئادەمنىڭ باش قىسىمىغا بولغان زىيىنى چوڭراق بولىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى فۇنكسىيىلىك توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسى قېچىش، كۆپ چۈش كۆرۈش ۋە چاچ چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ، بەزىدە يۈزگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدە يان تېلېفون رادىئاتسىيىسى سەۋەبىدىن مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولغان ئەھۋاللار بايقالغان.

   شۇڭا كىشىلەر يان تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئەڭ ياخشىسى، يان تېلېفوننى ئۆزىدىن يىراقراق تۇتۇپ، تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى قۇلاققا تۇتۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى، يان تېلېفون بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشماسلىق، ئۇخلىغاندا يان تېلېفوننى ياستۇق يېنىغا قويماسلىق كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ