باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
ئەقىللىق ئاياللار
2008- 08- 18 16:21 تەڭرىتاغ تورى

      ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ كەسپىنى ئۆزەمنىڭ كەسپى دەپ بىلىدۇ ھەم كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئېرىنىڭ كەسىپتە نەتىجە قازىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ . ئەقىلسىز ئاياللارھەمىشە ئېرىنىڭ ئۆز ئەتىراپىدا چۆرگىلەپ يۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

      ئەقىللىق ئاياللار ۋاقىتنى توغرا تاللاپ ، ئېرى سەل قارىغان ئىشلارنى ئەسكەرتىپ ، ئېرىنى ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇرمايدۇ . ئەقىلسىز ئاياللار ھەمىشە ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ ، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئېرىنىڭ زېھنىنى چېچىپ ، چوڭ ئىشلىرىغا دەخلى قىلىدۇ.

     ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلەن باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،  ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ . ئەقىلسىز ئاياللار ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى بىلەن باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

     ئەقىللىق ئاياللار ۋاقىتنى تاللاشقا ۋە كۆزىتىشكە ماھىر كېلىدۇ ، بۇنداق ئاياللار ئېرىنىڭ كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تەنقىدىي پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئائىلە كەيپىياتىنى جانلاندۇرىدۇ . ئەقىلسىز ئاياللار ئېرىنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان ھامان چالۋاقاپ ئېرىنى بىزار قىلىدۇ.

    ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنىڭ ياخشى دادا بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ . ئەقىلسىز ئاياللار باللىرىنىڭ ئالدىدا ئېرىنى سەتلەيدۇ ھەم بالىلارنى جازالاشنى ۋاستە قىلىۋېلىپ ، ئاتا–بالىلىق مۇھەببەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

    ئەقىللىق ئاياللار ئۆينى ھەمىشە پاكىز ، رەتلىك تۇتىدۇ ، ئېرىنىڭ كىيىم–كېچىكىنىڭ ھەر ۋاقىت پاكىز ۋە رەتلىك بولۇشىغا دېققەت قىلىدۇ . ئەقىلسىز ئاياللارنىڭ ئۆي ۋە يولىدىشى بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ .

مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان


 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ