باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
زايوم شەكىللىك فوندنى قانداق تاللاش كېرەك؟
2008- 08- 18 09:52 شىنجاڭ گېزىتى

   بۇ يىل پاي باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى بىلەن،  بىخەتەررەك، دەپ قارىلىدىغان زايوم شەكىللىك فوند فوندچىلارنى جەلپ قىلدى. ھازىر بازاردا زايوم شەكىللىك فوندلاردىن نوقۇل زايومغىلا مەبلەغ سالىدىغان ‹‹ساپ زايوم›› فوندى، پايغا مەبلەغ سالىدىغان قەرزسىمان فوند، يەنە كارخانا زايومىغا ئاساسلىق مەبلەغ سالىدىغان كۈچەيتمە پايدا تىپىدىكى زايومسىمان فوند قاتارلىقلار بار.

   ئۇنداقتا، مەبلەغ سالغۇچىلار زايوم شەكىللىك فوندلاردىن  قايسىسىنى تاللىسا بولىدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە: مەبلەغ سالغۇچىلار  ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تۈرلەرنى تاللىسا بولىدىكەن.

   ھازىر زايوم شەكىللىك فوندلارنى كەڭ مەنىدىن مۇنداق ئىككى چوڭ  خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ: بىر خىلى، پۇل بازىرىغا مەبلەغ سالىدىغان فوندلار ؛ يەنە بىر خىلى، پايدا شەكلىدىكى فوندلار. بۇنداق فوندلار يەنە مۇقىم پايدا تىپىدىكى زايوم شەكىللىك فوند ۋە كۈچەيتمە پايدا تىپىدىكى زايوم شەكىللىك فوند، دەپ ئايرىلىدۇ. ‹‹ساپ زايوم›› فوندلىرى مۇقىم پايدا تىپىدىكى فوندلار بولۇپ، بۇنداق فوندلارنىڭ داۋالغۇش نىسبىتى تۆۋەن، پايدىسى مۇقىمراق بولىدۇ. كۈچەيتمە پايدا تىپىدىكى فوندلاردا، ئاساسلىقى، كرېدىت خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدا كارخانا قەرزى، پايلارغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق خېلى يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىلىدۇ، سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ خەتىرىمۇ ئاشىدۇ، شۇنداقلا پايدا مەنبەلىرىمۇ كۆپىيىدۇ.

   پۇل بازىرىغا سېلىنىدىغان فوند ئورگانلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ماس كېلىدۇ. زايوم شەكىللىك فوند ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان، خەتىرى يوق ياكى خەتىرى تۆۋەنرەك مەبلەغ سېلىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاراپ، بۇ ئىككى خىل زايوم شەكىللىك فوندنى تاللىسا بولىدۇ، ياشانغانلارنىڭ خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن، شۇڭا ئۇلارغا مۇقىم كىرىملىك زايوم شەكىللىك فوند ماس كېلىدۇ. ئىقتىسادى كۈچلۈكرەك ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلارنىڭ خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك بولغاچقا، كۈچەيتمە پايدا تىپىدىكى زايوم شەكىللىك فوندقا مەبلەغ سالسا بولىدۇ ياكى پاي شەكىللىك فوند بىلەن كۈچەيتمە پايدا تىپىدىكى زايوم شەكىللىك فوندتىن مۇۋاپىق سېتىۋالسا بولىدۇ.

   ئومۇمەن، زايوم شەكىللىك فوندلارنى ‹‹ماۋۇسى ياخشى، ئاۋۇسى ناچار›› دېگىلى بولمايدۇ، مۇھىمى، ئۇ سېتىۋالغۇچىغا ماس كېلىشى كېرەك، ئۆزىگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسىدۇر.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ