باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
قانداق فوندقا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سېلىشقا بولىدۇ؟
2008- 08- 18 09:50 شىنجاڭ گېزىتى

   فوندنىڭ قىممىتى زىيادە چۈشۈۋاتقان، ئەمما كېيىنچە ئۆسۈش ئىمكانىيىتى بولغان بازاردا، فوندقا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سېلىش ئەڭ مۇۋاپىق. لېكىن دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەممىلا فوندقا ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.

   مەسىلەن: پۇل بازىرىغا سېلىنىدىغان فوند، زايوم شەكىللىك فوند قاتارلىق مۇقىم پايدا ئالغىلى بولىدىغان تۈرلەردە داۋالغۇش ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، شۇڭا فوندنىڭ قىممىتى چۈشۈۋاتقاندا بۇنداق فوندقا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سېلىش بىلەن تېخىمۇ كۆپ فوند جۇغلىغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىلىق داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى پېتر لىنچ:  ‹‹ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا قارىغاندا، پاي چېكىنىڭ ئوتتۇرىچە پايدا نىسبىتى باشقا تۈردىكى مۈلۈكلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىشنى ئائىلىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىساد پىلانىنىڭ بىر تەركىبى بىلىپ، مەبلىغىنىڭ قىممىتىنى ئۇزاققىچە ئاشۇرۇشنى ئويلىسا، ئىمكانقەدەر پاي چېكى تۈرىدىكى مۈلۈكنى سېتىۋېلىشى كېرەك››، دېگەنىدى. دېمەك، پاي چېكى شەكىللىك فوندنى تاللاپ، ئۇنىڭغا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سېلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق.

   ئەلۋەتتە، ھەممىلا پاي چېكى شەكىللىك فوندقا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭدا مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا ئەمەل قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، قىممىتى مۇقىم ھەم سىجىل ئېشىۋاتقان فوندلارنى تاللاش، فوندنىڭ پايدىسى سىجىل ئېشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن باھالارغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئىككىنچىدىن، مەبلەغ سالغۇچىلار فوندقا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سالماقچى بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى، مەبلەغ سېلىش دائىرىسى كەڭرەك  فوندلارنى تاللاش، دائىرىسى تار فوندلارغا مەبلەغ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بەزى ساھەلەر پەسكويغا چۈشكەن بولسا، ئۇلارنىڭ تىجارىتى بىر نەچچە يىل ئىچىدە جانلىنىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇنداق شارائىتتا مەبلەغ سالغۇچىلار قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سېلىشتىن ھېچقانداق پايدا ئالالماسلىقى مۇمكىن.

   شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ساپ قىممىتىدە داۋالغۇش كۆپرەك بولغان فوندلارغا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سېلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق. ئۇزاققىچە مەبلەغ سېلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئادەتتە داۋالغۇش كۆپرەك بولغان فوندلارغا قەرەللىك مەبلەغ سالغاندا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە كۆرسەتكۈچ تىپىدىكى فوندلاردىمۇ شۇنداق. ھازىر پاي بازىرى پەسكويغا چۈشكەن، داۋالغۇش كۆپ بولۇۋاتقاندا فوندقا قەرەللىك، نورمىلىق مەبلەغ سالماقچى بولغانلار سىناق تەرىقىسىدە شۇ فوندلارنى سېتىۋېلىپ، پاي بازىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتسە بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ