باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>خانم–قىزلار
چاچنى ئاسراشتا ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
2008- 08- 15 17:05 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      چاچنىڭ گۈزەل بولۇش بولماسلىقى كۈندىلىك يېمەك–ئىچمەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئادەم بەدىنىدە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا مەسىلەن، يېمەكلىك ئاقسىل، ماي ۋېتامىن  ِA ۋېتامىن B6 ۋە يود قاتارلىق مېكرو مىقتاردىكى ئېلېمېنتلار كەمچىل بولغاندا چاچ قۇرغاقلىشىش، پاقىراقلىقىنى يوقىتىش، ئاسان ئۈزۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارتۇق بولۇپ كەتسە مەسىلەن، قەنت مىقتدارى ئېشىپ كەتسە چاچ ئاسانلا سارغىيىپ كېتىدۇ. يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى چاچنى قۇۋەتلەش، ئاسىراشنىڭ ھالقىسى بەدەندىكى ئوزۇقلۇقنىڭ مۇۋازىنىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

     كۈندىلىك يېمەك– ئىچمەكتە تۆمۈر ۋە ئاقسىل كەمچىل بولغان ۋاقىتتا چاچ سارغىيىپ كېتىش، ئۇچى قىسمى يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

     يېمەك– ئىچمەكتە ئۇزۇن مۇددەت ئۆسۈملۈك مېيى، ئاقسىل، ۋېتامىن A ۋە يود كەمچىل بولغان ۋاقىتتا چاچ پاقىراقلىقىنى يوقىتىپ، ئاسانلا ئۈزىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

     يېمەك – ئىچمەكتە ئېغىر دەرىقىدە B تۈردىكى ۋېتامىن كەمچىل بولغان چاچ ئاسانلا بۇزۇلۇش ۋە ماي توپلىشىپ قېلىش خاراكتېردىكى چاچ چۈشۈش كۆرىلىدۇ.

      يېمەك – ئىچمەكتە مىس كەمچىل بولغاندا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ. ھەتتا كىچىك تۇرۇپلا چاچ ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. يېمەك –ئىچمەكتە ۋېتامىن ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاندا ياكى روھى ھالەتتە قاتتىق جىددىلىشىش كۆرۈلگەندە تۇيۇقسىز چاچ چۈشۈش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، يېمەك– ئىچمەك ئوزۇقلىنىش بىلەن چاچنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، ئوزۇقلىنىشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ئىنتايىن  .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ