باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
روھى كەيپىياتنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى
2008- 08- 15 15:32 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە روھى كەيپىيات بىلەن ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . كەيپىياتنى تەڭشىيەلمەيدىغان ۋە ئاسان چېچىلىدىغان ۋە ئاسان خوشاللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، مىجەزى ئېغىر – بېسىق، ئېھتىياتچان كىشىلەرنىڭ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ داۋالاش جەريانىدىكى كۆزىتىشىدىن بايقىلىشىچە ،كەيپىياتى تۇراقسىز، سەۋرە – تاقەتسىز، دائىم جىددىيلىشىش كەيپىياتى ئىچىدە خىزمەت قىلىدىغان ياكى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشىلەر ئاسانلا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

    ھەر خىل بېسىملارنىڭ ئارتىپ كېتىشى، زېھنىي كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، كەيپىياتنىڭ نورمالسىز بولۇشى، جىمىخورلۇق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئىشتىھانىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى قاتارلىق نورمال بولمىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە جىددىيلىشىش يۈرەك رېتىمىنى تېزلاشتۈرۈپ، قاننىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىدۇ، بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزالار، بولۇپمۇ پۈتۈن بەدەندىكى  مۇسكۇللارنىڭ سەرپىياتى ئادەتتىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە يۇقىرى بولۇش  بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆپرەك كېرەكسىز ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتى جىددىلىشىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سەرپ بولۇشى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دائىم جىمغۇر يۈرىدىغانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ھەزىم قىلىش سۈيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقتارى ئازلاپ، ئىشتىھاسى ناچارلاپ كېتىدۇ. ئۇزۇن –مۇددەت غەم ئەندىشە ئىچىدە تۇرغانلار ھەم ئۇيقۇسىزلارنىڭ ئىچكى ئاجىرىتىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىپ، ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش سۈيۇقلۇقى كۆپىيىپ، فىزولوگىيىلىك ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ، ئارتۇق مىقتداردىكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئاشقازان تىۋىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ياللۇغلىنىش ياكى يارلىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق مىقتارىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

    دائىم كەيپىياتى نورمالسىز بولغان كىشىلەردە ئاقسىل ماي، كاروتېن، ۋېتامىن C، ۋېتامىن A، سېلىن، سىنىك، تۆمۈر، مىس قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلىشى ياخشى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، ساقلىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، كەيپىياتنىڭ نورمال بولۇشىنى تەڭشىگەندىن سىرت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىش، يېمەك– ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، ئادەتتە ھارغىنلىق، چارچاش ھېس قىلغان ۋاقىتتا زېھنى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللاپ ئىستېمال قىلىش ، ئورگانىزىمنىڭ چىدامچانلىقى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ