|
زىيادە چارچىغاندا بانان يەڭ . مېڭىنى قاتتىق ئىشلەتكەندە بەدەندىكى ۋېتامىن ، مىنېرال ماددىلار ، ئىسسىقلىق خوراپ كېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا مېڭە قاتتىق چارچايدۇ ، ھەتتا دائىم چۈشكۈنلىشىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . بۇنداق چاغدا بانان يېسە، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇقلىنىپ كەيپىيات تۇراقلىشىدۇ. مېڭىنى زىيادە ئىشلەتكەندە، كۆپ خىل ۋېتامىنلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئوزۇقشۇناسلار ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش تەكلىپىنى بېرىدۇ.
كۆز زىيادە چارچىغاندا بېھى يېيىش كېرەك . ئۇزاق ۋاقىت كومپيوتېر ۋە تېلېۋىزورغا قارىغاندا كۆز قاتتىق چارچايدۇ ، ۋېتامىن ‹‹A›› كۆپ مىقتاردا خورايدۇ ، كۆز قۇرۇپ ئاغرىيدۇ ، يورۇقلىقتىن قورقىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەيدۇ . بۇ چاغدا بەدەن ۋېتامىن ‹‹A›› مول بولغان بېھىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
چىش مىلىكى قانىسا مايمۇن شاپتۇلى يېيىش كېرەك . چىش مىلىكىنىڭ ساغلاملىقى ۋېتامىنc بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ۋېتامىنc كەم بولسا چىش قاناش ، ئىششىش ھەتتا چىش بوشاپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . شۇڭا چىش مىلىكى ئاسانلا قانايدىغانلار ۋېتامىن c كۆپ بولغان مېۋلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك .
يۈرەك كېسىلى بارلار ئۈزۈمسىمان ئاپلېسىننى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك . خولېستېرىن بەك يۇقىرى بولسا يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بەدىنىدىكى خولېستېرىننى تىزگىنلەشكە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . تېببىي ساھادىكىلەر ئۈزۈمسىمان ئاپلېسىننى داۋالاش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى مېۋە دەپ قارايدىكەن . ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي مېۋە يىلىمى بەدەندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە ھەر خىل يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەر ئۈزۈمنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك . ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئۆپكىسىگە كۆپ مىقتاردا زەھەرلىك ئېلېمېنتلار يىغىلىپ، ئۆپكىنى زەھەرلەيدۇ . ئۈزۈمدىكى پايدىلىق تەركىبلەر ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەھەر چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۈزۈمنىڭ يەنە خەپرۈك يوقىتىش، تاماكا كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس يولى ياللۇغلىنىش ، قىچىشىش ، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەسەيتىش رولى بار .
مۇسكۇللار زەخمىلەنسە ئاناناس يەپ بېرىش كېرەك . مۇسكۇل زەخمىلەنگەندىن كېيىن توقۇلما ياللۇغلىنىدۇ . قان ئايلىنىش راۋان بولمايدۇ . زەخمىلەنگەن ئورۇن ئىششىپ ئاغىرىيدۇ. ئاناناس تەركىبىدىكى ئاناناس ئاقسىلى ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئويناپ، توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش تېزلىشىدۇ ، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ، ئۆسمە تېز يوقىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان مېۋە ئاناناس بولۇپ قالىدۇ .
ئوكسېگىن يېتىشمىسە َگىلاس يېيىش كېرەك . ئاسان چارچاش كۆپىنچە قاندىكى تۆمۈر ماددىسى كەملەپ كېتىش ۋە قان ئايلىنىشى راۋان بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ . گىلاسنى كۆپ يەپ بەرگەندە تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىنىدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن cمول بولۇپ، ئۇ بەدەنگە تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، تۆمۈر ماددىسىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ ، چارچاشنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
پۇت پۇرىسا ئاپېلىسىننى كۆپ يېيىش كېرەك . ئادەم بەدىنىدە ۋېتامىنB1 كەم بولسا ئاسانلا پۇت پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ . بۇ خىل ئەھۋالغا ئاپېلىسىننى تالاش ئەڭ مۇۋاپىق . ئۇنىڭدا ۋېتامىن B1 مول بولۇپ ، ئۇ گلۇكوزىنىڭ ئالمىشىشىغا ياردەم بېرىپ ، پۇت پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ .
|