باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ توك تېجەش ئۇسۇلى
2008- 08- 11 17:15 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     تېلېۋىزور: تېلېۋىزورنى بەك يورۇق ۋە يۇقىرى ئاۋازدا قويماسلىق، تېلېۋىزورنى بەك يورۇق ھالەتكە تەڭشىگەندە، توك خوراش مىقتارىمۇ ئەڭ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، تېلېۋىزور كۆرگەندە يورۇقلۇقنى ئىمكان قەدەر تۆۋەن، ئاۋازىنى پەس تەڭشەش لازىم. بۇنداق قىلغاندا توك تېجەپلا قالماي، يەنە تېلېۋىزورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە تېلېۋىزورنى كۆرمىگەن ۋاقىتتا توك مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىش كېرەك.

     توك قازان : توك قازان تېگىنىڭ پاكىز بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. توك قازىنىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم تەك مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىش لازىم.

    پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ ئاليۇمىن قازاننىڭ قىزدۇرۇش تەخسىسىگە چاپلىشىپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. توك بىلەن قىزدۇرۇش تەخسىسىنىڭ سىرتى ۋە قازان تېگىدە ھەر خىل داغلار بولسا، پاكىز سۈرتىۋېتىش ياكى داكا بىلەن ئوراپ پاكىزلاش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىپ، ئېنېرگىيە ئىسراپ بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

   مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق : يېڭى ساقلاش پەردىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا يېمەكلىكلەرنى قىزدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال يېڭى ساقلاش پەردىسىنى ئىشلىتىپ يېمەكلىك قاچىلانغان قاچىنى قاپلاش لازىم. بۇنداق قىلغاندا، يېمەكلىكتىكى نەملىك ئاسان پارغا ئايلانماي، يېمەكلىكنىڭ ئەسلى تەمىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە قىزدۇرۇش ۋاقتىمۇ كۆرۈنەرلىك قىسقىراپ، توك تېجەش ئۈنۈمى روشەن بولىدۇ.

   چاڭ–توزان سۈمۈرگۈچ : چاڭ–توزان سۈمۈرگۈچنى ئىشەتكەندە يەر يۈزى ئەھۋالى، چاڭ مىقتارىغا قاراپ شامال كۈچىنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقىنى تەڭشەش، ھەم مۇۋاپىق سۈمۈرگۈچ سەپلەش لازىم. چاڭ–توزان سۈمۈرگۈچنى ئىشلەتكەندە، سۈمۈرگۈچ خالتىسىدىكى چاڭ- توزاننى ۋاقتىدا تازىلاش لازىم. بۇنداق قىلغاندا ھاۋا ئېقىمىنىڭ توسالغۇسىنى ئازايتىپ، چاڭ –توزان سۈمۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، توك خوراشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ