|
ئامۇت : بىر تال ئامۇت ، بەش گرام چاكاندا تەييارلىنىدۇ . ئامۇتنىڭ ئوتتۇرسىنى ئېچىپ ، چاكاندا سېلىنىدۇ ، ئاندىن قازاندا قاينىتىلىدۇ . ئامۇت قايناپ پىشقاندا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى چاكاندا ئېلىۋېتىلىپ ئارىسىغا يىغىلىپ قالغان سۈيى ئىسسىقىدا ئىچىلىدۇ ، بۇ بەلغەم چىقمايدىغان قۇرۇق يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ .
ئاق تۇرۇپ : ئاق تۇرۇپنى يالپاقلاپ توغراپ ، زەنجىۋىل ، ئامۇتلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچسە ، شاخچە نەپەس يولى ياللوغىدىن بولغان يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ . كۆك تۇرۇپ : كۆك تۇرۇپنى توغراپ ، يۇمشاق سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ ، بىجىك سۈيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچسە ، ساغۇچ بەلغەم كۆپ چىقىدىغان ئىسسىىقتىن بولغان يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ .
كۆك تۇرۇپنىڭ ئوتتۇرىنى ئويۇپ ، ئىچىگە ھەسەل قويۇپ ، ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ ئىچسە ياكى ئۇنىڭغا ئۈچ تال خام زەنجىۋىل سېلىۋېتىپ ، قاينىتىپ ياكى مەلھەم قىلىپ ئىچسە ،سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
ھەسەل:ناۋات بىلەن ھەسەلنى قازانغا سېلىپ ، ئىسسىتقاندىن كېيىن ، يانجىلغان ياڭاق مېغىزى ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ پىشۇرۇپ، بىر قۇتىغا قاچىلاپ قويۇپ ،كۈنىگە تۆت–بەش قېتىمدىن ،ھەر قېتىمدا بىر قۇشۇقتىن يېسە شىپا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېلۇپەر شەربىتى ، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ،چىلان، ئاپېلىسىن ۋە پېدىگەن ، كەرەپشە يېسىمۇ بولىدۇ .بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش ،يۆتەلنى توختىتىش، بەلغەمنى ھەيدەش رولى بولۇپ ،كېسەلگە شىپا قىلىدۇ.
|