|
يازدا ھاۋا نىسبەتەن قورغاق بولغاچقا، نەپەس يولىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاسانلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇقى بارلار كېسەل قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆزىنى ئاسىراشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئادەتتە، ئەتتىگەن ۋە كەچتە كاناي ياللۇقى ببارلاردا بەلغەم كۆپىيىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ياللۇغلىنىشنى كونتىرول قىلىپ، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ تېنى ئاجىز، يۆتەل ئارقىلىق بەلغەمنى چىقىرالمايدۇ بۇنداق كىسەللەرگە نىسبەتەن بەلغەم چىقىرىشنى ئاساس قىلىش، بىراق كۈچلۈك تېنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىچمەسلىك كېرەك. بولمىسا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى تورمۇزلىنىپ، ياللۇغ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. كېسىلى ئېغىر بولغانلارنىڭ مەيدىسى ۋە دۈمبىسىنى يىنىك ئۇۋىلاپ بەرسە بەلغەمنى چىقىرىۋېتىشكە ياردىمى بولىدۇ. ئۆينى پاكىزە تۇتۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، چاڭ ـ توزاڭلىق مۇھىتتا تۇرماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك، ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى سەھەردە سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيۇش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاپان ۋە ئالقاننى ئۇۋۇلاش لازىم.
ھاۋا ئۆزگەرگەندە قېلىنراق كىيىنىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر نەپەس قىيىنلىشىش، كالپۇك، تىرناق كۆكىرىش، پۇت ئىششىش، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
|