|
مېڭە قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرى : يۇيۇنۇۋاتقاندا پەيدا بولغان ئىسسىقلىق ئاغرىقنىڭ تېنىدىكى قاننىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىپ ، قان تومۇرلارنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . قان بەزى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەن جايدىن ئۆتۈۋاتقاندا ، ئاسانلا قان تومۇرنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تۇتقاقلىق كېسىلى بارلار : ئادەم يۇيۇنۇۋاتقاندا بەدەن زور مىقداردىكى پارلانغان سۇنى سۈمۈرۈۋالىدىغان بولغاچقا ، بەدەندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەنلەپ ، بەدەندىن چىقىدىغان تەر كۆپىيىپ ، ئېلېكتىرولىز تەڭپۇڭلۇقى قالايمىقانلىشىپ ، تۇتقاقلىق كېسىلىنى قوزغاپ قويىدۇ .
ياشانغانلار : ياش چوڭايغانسېرى جىسمانىي كۈچى ئاجىزلىشپ ، تېرىسى نېپىزلەپ ، تېرە ياغ بېزى بارا – بارا قورۇلۇپ قالىدۇ ، ياشانغانلار كۆپ يۇيۇنسا تېرىسى ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ قىچىشىدۇ . يۇيۇنغاندا شۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، بەدەندىكى ئىسسىقلىق ئاسانلىقچە تارقىيالماي ، قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەيدىغان ، باش قايىدىغان ، ھەتتا ھوشىدىن كېتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ .
ئەھمەد مۇسا تەييارلىغان
|