باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
چاپاق ۋە كۆزدىكى كېسەل ئالامىتى
2008- 08- 05 10:44 شىنجاڭ گېزىتى

    چاپاق كۆزدىن چىقىدىغان ياغسىمان ئاجرالما بولۇپ، ئادەتتە سۇس سېرىق، يېپىشقاق كېلىدۇ. ئۇ ئاساسەن قاپاق بېزى ياغلىق ئاجراتمىسى ۋە ياش سۇيۇقلۇقىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاز مىقداردا بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياكى مۈڭگۈز پەردىنىڭ ئۈستۈنكى توقۇلمىلىرىنىڭ تۆكۈلمىلىرى، كۆزگە كىرىپ كەتكەن چاڭ  -  توزانلار، قىسمەن مىكرو جانلىقلار، قىسمەن قان، ھەتتا يەللىكلەنگەن ھۈجەيرىلەرمۇ بولىدۇ.

   چاپاقنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى بىرىكتۈرگۈچى پەردە بولۇپ، ئۇ ئاجرالما چىقىرىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە، ئۇ چىقارغان يېپىشقاق ماددا كۆز ئالمىسىنى قوغداش ۋە نەمدەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. كۆزدە كېسەل كۆرۈلگەندە، يەنى بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكلىنىپ قالغاندا،  ئۇ ئاجرىتىدىغان يېپىشقاق ماددا كۆپىيىدۇ، بۇ ماددا كېسەل تۇغدۇرغۇچى باكتېرىيىلەر، ياش ۋە يەللىكلىنىش سەۋەبلىك قان تومۇرلاردىن چىققان ھۈجەيرىلەر ۋە باشقىلار بىلەن قوشۇلۇپ، يېپىشقاق ئاجراتمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چاپاق مىقدارى كېسەل تۇغدۇرغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ۋە كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ بەزىدە كۆپ، بەزىدە ئاز بولىدۇ.

   سوزۇلما خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكىنىڭ كېسەل ئالامىتى ئادەتتە يېنىكرەك بولۇپ، ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندا كۆز مۈڭگۈزىدە ئازراق چاپاق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكىنىڭ كېسەل ئالامىتى ئېغىرراق بولىدۇ، كۆپىنچە ئاستى  --- ئۈستى قاپاق كىرپىكلىرى چاپلىشىپ قېلىپ، كۆزنى ئېچىش قىيىن بولىدۇ.

  چاپاق خاراكتېرىگە قاراپ سۇيۇق چاپاق، يېپىشقاق چاپاق ۋە يىرىڭلىق چاپاق دېگەنگە ئوخشاش تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. چاپاق سۇيۇق بولسا، تولاراق ۋىرۇسلۇق بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكى بولغانلىقنى، يېپىشقاق بولسا زىيادە سەزگۈر بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يىرىڭلىق ئاجرالمىنىڭ كۆپلەپ پايدا بولغانلىقى تولا چاغلاردا جىددىي بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكىنىڭ تىپىك ئالامىتى بولىدۇ.

   ئومۇمەن چاپاقنىڭ پەيدا بولۇشى بىرىكتۈرگۈچى پەردىدە كېسەل ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ، ئۇ چاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ ئۆزىدە كېسەل كۆرۈلگەنلىكىدىن پەيدا بولۇشىمۇ، كۆز ئالمىسىنىڭ باشقا قىسىملىرىدا كۆرۈلگەن كېسەللەرنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە تەسىر قىلغانلىقىدىن كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا كۆزدە كۆرۈلگەن چاپاق ئاز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا سەل قارىماي، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ئابلىمىت ياقۇپ تەرجىمىسى        

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ