|
يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى كىشىلەرنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ كەلمەكتە، بۇنداق كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئاساسەن قان تومۇرلارنىڭ قېرىشى، قېتىپ قېلىشى سەۋەب بولىدۇ. يۈرەك، قان تومۇرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قان تومۇرلارنىڭ قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنداقتا قان تومۇرلارنىڭ ياش تۇرۇشى ئۈچۈن قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك؟
بېلىق. بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى مېتىئونىن، لىسەن، پرولىن، دېڭىزىيا ئامۇنىي كىسلاتالىرى قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى، ماسلىشىشچانلىقىنى ساقلاش ۋە ناترىي تۇزىنى چىقىرىۋېتىش رولىغا ئىگە. تەركىبىدە 3 –– ω ۋە ماي كىسلاتالىرى ئانچە كۆپ بولمايدىغان بېلىق مېيى قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى تېرە ھۈجەيرىسىنى ئاسراش، ماينىڭ تىنىپ قېلىشىنى ئازايتىش، تالالارنىڭ ئېرىشچانلىقىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا بېلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
تەركىبىدە ئارگىنىن كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەر. بۇنداق يېمەكلىكلەر بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان قېتىشمىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى تىزگىنلەش، قان تومۇرلارنىڭ زەخىملىنىشىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە. دېڭىز ئادەمگىياھى، لايخور بېلىق، كۈنجۈت، پىچەكگۈل، كۈمۈش ئۆرۈك، دۇفۇ پىشلىقى، گازىر قاتارلىقلار مۇشۇ خىل يېمەكلىكلەرگە كىرىدۇ، ئۇلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغان ياخشى.
تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى كۆپ يېمەكلىكلەر. يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B6، B12 كەم بولسا قاندىكى ئامىنو تئوپروپىئون كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىپ، قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى تېرە ھۈجەيرىسىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ، ئاتىلاسىمان قېتىشمىلارنى پەيدا قىلىدۇ. فولىن كىسلاتاسىنى تولۇقلىغاندا تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلارنىڭ تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى كۆپ قىزىل بۇغداي، پالەك، جولان، ئۇچۇن، زەمبۇرۇغ، پۇرچاق، ئالما، ئاپېلسىن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۇيۇپ قېلىشنى توسىدىغان ۋە ماينى ئازايتىدىغان يېمەكلىكلەر. بۇنداق يېمەكلىكلەر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان سەكتە كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ. قان قېتىشمىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى، قان ئۇيۇتمىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدىغان قارا موگۇنى(قېرىنقۇلاق) ھەم تەركىبىدە پىرازىن بولغان سامساق، باش پىياز، غولپىياز، قىشلىق موگۇ، جۇلان، بۆلجۈرگەن، ئاناناس قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۇيۇپ قېلىشىنى توسۇش رولى بار، شوخلا، ئۈزۈم، ماندارىن قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ئاسپىرىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاز مىقداردا سالىنسىلويىل كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ئۇيۇپ قېلىشنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ. كەرەپشە (چىڭسەي)، سەۋزە، دولانا، خەيدەي (لامنارىيە)، ياڭاق، زەيتۇن يېغى، كۈنجۈت يېغى قاتارلىق يېمەكلىكلەرمۇ قان تەركىبىدىكى ماينى ئازايتىدۇ.
ئەركىن تۇرسۇن تەييارلىغان
|