|
يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى. ئادەمنىڭ يۈرىكى بىر ئۆمۈر توختىماستىن سوقۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەكنىڭ ساغلام بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر. يۈرىكىمىز ساغلام بولسۇن دېسەك، مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يۈرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇپ بېرىشىمىز لازىم. ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى، بەدەن ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئاساسىي پرىنسىپلارنى ئىگىلەش لازىم:
1. ساغلام كىشىلەر ياكى ئەزا خاراكتېرلىك كېسىلى يوق كىشىلەر دائىم تۈرلۈك پايدىلىق تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ بېرىشى، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى – ئۈچ قېتىم چوڭراق چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى ئورۇندىشى كېرەك. چېنىقىش تۈرلىرى ۋە ئۇسۇلىنى ھەركىم ئۆزىنىڭ يېشى ۋە بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ تاللىشى، چېنىقىشتا ھەرىكەت مىقدارىنى ئۆزى تەرلىگۈدەك، يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى ئۆزى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ چەككە يەتكۈدەك)ئادەتتە مىنۇتىغا 001قېتىمدىن ئارتۇق( دەرىجىدە تىزگىنلىسە بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا پەي، بۇلجۇڭ گۆشلەرنى پات – پات ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندىن باشقا، ئەڭ ياخشىسى ئوكسىگېنلىق مۇھىتتا كۈنىگە 02 مىنۇت چېنىقىشنى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
2. تېنى ئاجىزراق كىشىلەر ياكى ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشتىكى ھەرىكەت مىقدارىدا ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرىشىنى ئۆلچەم قىلىشى لازىم. چېنىقىشتا سەھەردە چېنىقماسلىق، ئاچ قورساق چېنىقماسلىق، قاتتىق، جىددىي )تېز( ھەرىكەت قىلماسلىق، چېنىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا دەرھال ئۇخلىماسلىق كېرەك؛ قىشتا چېنىقىشتا سوغۇق تەككۈزۈۋالماسلىققا دىققەت قىلىش، يازدا چېنىقىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىش، سۇنى ئاز – ئازدىن كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىش، چېنىقىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا دەرھال سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك ياكى سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق لازىم.
3. يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلار قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىقى، ھەم كۈنبويى قىمىر قىلماي بىر ئورۇندا ئولتۇرۇۋالماسلىقى، جىم تۇرۇش بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشى لازىم. كېسەل ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىرلار مۇۋاپىق ھالدا يۈرەكنى كۈچەيتىش گىمناستىكىسى ئويناپ بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ئوڭ پۇتىمىزنى ئالدىغا بىر قەدەم چامداپ، سول قولىمىز بىلەن بېلىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئوڭ قولىمىزنى تۈز سوزۇپ، ئالقىنىمىزنى ئۈستىگە قارىتىپ، سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە 04~02 قېتىم ئايلاندۇرىمىز، ئاندىن يۇقىرىدىكىنىڭ ئەكسىچە ھالەتتە تۇرۇپ، سول قولىمىزنى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە 04~02 قېتىم ئايلاندۇرىمىز. بۇ ھەرىكەتنى ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، بىر كۈندە بىرنەچچە قېتىم قىلىپ بەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر پەي، بۇلجۇڭ گۆشلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرنى، ئۆرە تۇرۇپ ياكى مېڭىپ تۇرۇپ قىلىدىغان گىمناستىكا ھەرىكەتلىرىنى مۇۋاپىق قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
ئابدۇۋايىت قاسىم تەييارلىغان
|