|
تىلەن قادىر
بېھى ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىقىدىغان ئەتىۋارلىق مېۋىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئالما تۈرىدىكى بېھى، نەشپۈت تۈرىدىكى بېھى، ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق بېھىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ. بېھى ھەر يىلى ئاپرېلدا بىر قېتىم ئاق چېچەكلەيدۇ، مېۋىسى 10 – ئايدا تولۇق پىشىدۇ.
بېھىدىن بېھى مۇرابباسى، بېھى شىرشىم قېقى، بېھى توڭلاتمىسى، بېھى كونسېرۋاسى قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن تەييارلانغان مۇراببانى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ.
بېھىنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى ۋە باشقا ئورگانىك كىسلاتالار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىن A، B، C، D لارمۇ خېلى كۆپ. بېھى تېبابەتچىلىكتە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، جىگەر، ئۆت، ئاشقازان، ئۈچەي، بوغۇم يەللىكى، پۇت – قولنىڭ تارتىشىپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. بېھى يەنە تاماق سىڭدۈرۈش، ئاشقازان فۇنكسىيىسىنى ياخشىلاش، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئېزىپ، شىرنىسىنى ئىششىغان جايغا تېڭىپ بەرسە، ئىششىقنى ياندۇرۇشقا مەلۇم دەرىجىدە شىپا بولىدۇ.
|