باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
چېنىقىش، مىجەز، ساغلاملىق
2008- 08- 05 10:25 شىنجاڭ گېزىتى

تەلئەت ئىسلام

   چېنىقىش كىشىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ كىشىدە بار ئەسلىدىكى ياخشى مىجەز – خاراكتېرنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ناچار مىجەز – خاراكتېرنى تەدرىجىي ئوڭشايدۇ ۋە كىشىنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئىرادە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئىپادىلىنىدۇ، ھەم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا يېتىلىدۇ. چېنىققۇچى چېنىقىش داۋامىدا ئوبيېكتىپ قىيىنچىلىقلار بىلەن سۇبيېكتىپ قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ بارىدۇ – دە، ئۇنىڭدا تەدرىجىي قەيسەر، كەسكىن مىجەز – خاراكتېر يېتىلىدۇ.

   پۈتكۈل خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇنداقتا  چېنىقىش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ بۇنىڭدا كىشىلەر ياش، كەسىپ، تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەرگە ئالغاندىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ مىجەز – خاراكتېر ئامىلىنى تولۇق نەزەرگە ئالسا چېنىقىشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. تەنھەرىكەت پسىخولوگىيىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ روھىي ھالەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى پسىخىك جەھەتتىن تەڭشەش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ ياكى مىجەز – خاراكتېرىدە روشەن ئەيىب، ئاجىزلىقلار بولىدۇ. قاراتمىلىقى بولغان مۇۋاپىق چېنىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مىجەز – خاراكتېردىكى بۇنداق ئەيىبنى تۈزەتكىلى، روھىي ھالەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

   پسىخىك ساپاسى ناچار كىشىلەر پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبولغا ئوخشاش كەسكىن رىقابەتلىشىدىغان ۋە تىركىشىشچانلىقى كۈچلۈك تەنھەرىكەت تۈرىگە كۆپرەك قاتناشسا بولىدۇ. بۇنداق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تەنھەرىكەت ناھايىتى جىددى، كەسكىن داۋاملىشىدۇ، كىشى تەمكىن بولغاندىلا، ئاندىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلەيدۇ. مۇشۇنداق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتنىشىپ چېنىقىپ بەرگەندە، كىشى دۇچ كەلگەن ئىشلار ئالدىدا تەمتىرىمەيدىغان، ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغان بولىدۇ، بۇ خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا پايدىلىق. ئەزەلدىن توخۇ يۈرەك، تارتىنچاق، قورۇنىدىغان كىشىلەر سۇ ئۈزۈش، كاڭكى تېيىلىش، بوكس، تورنىك، ياغاچ ئاتتىن ئاتلاشقا ئوخشاش تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتناشسا بولىدۇ، بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى كىشىدىن قورقۇشنى تۈگىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى، ئالدىدىكى توساقلاردىن قورقماي ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن بىر مەزگىل شۇغۇللىنىپ بەرگەندە، يۈرەكلىك، جۈرئەتلىك بولغىلى، نەتىجىدە كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە قىزغىن بولغىلى بولىدۇ. ئىچ مىجەز، ئۆزىنى باشقىلاردىن قاچۇرۇپ يۈرۈيدىغان، جىمغۇر، كىشىلەر توپىغا قېتىلمايدىغان، كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان، رىقابەت ئېڭى ئاجىز كىشىلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش، ئارغامچا تارتىشىشقا ئوخشاش كوللېكتىپ تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتنىشىپ بەرگىنى ياخشى، بۇنداق كوللېكتىپ تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئارقىلىق چېنىقىشنى  داۋاملاشتۇرغاندا ئۆزىدە جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرغىلى ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى مىجەز – خاراكتېرنى تەدرىجىي ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. گۇمانخور، باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان، ئىشنى كېسىپ قىلالمايدىغان كىشىلەر تىكتاك توپ، چويلا توپ، پەي توپ، ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش، قىلىچۋازلىق قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتناشسا بولىدۇ، بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى چېنىققۇچىنىڭ سەگەك، تەمكىن، ئىنكاسى تېز، چەبدەس، ھۆكۈمى توغرا، كەسكىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت چېنىقىپ بەرگەندە كىشىدىكى گۇمانخورلۇق تۈگەيدۇ. شۆھرەتپەرەس، ئابرۇيپەرەس، مەنمەنچى كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى سۇغا سەكرەش، مارافونچە يۈگۈرۈش قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ياكى ھەرىكىتى مۇرەككەپرەك تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاپ چېنىقسا بولىدۇ ياكى بولمىسا ماھارىتى ئۆزىدىن يۇقىرى رەقىبلىرىنى تاللاپ شاھمات، تىكتاك توپ، پەي توپلارنى ئوينىسا بولىدۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ جەرياندا مەغرۇرلانماسلىق توغرىسىدا ئۆزىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەك. ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان سەپرا مىجەز كىشىلەر شاھمات، تەيجى گۇمپىسى، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللاپ چېنىقسا بولىدۇ، بۇ خىلدىكى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە چېنىققۇچى يېگانە ھالەتتە تۇرىدۇ، تەنھا ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېغىر – بېسىق مىجەزنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

   چېنىقىش كۆڭلىڭىزنى ئاچىدۇ، سىزنى خۇشال قىلىدۇ، كەيپىياتىڭىزنى نورمال قىلىدۇ، ياخشى مىجەز شەكىللەندۈرۈشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ، ئۇ ساغلاملىقنى ساقلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. شۇڭا قانۇنىيەتلىك ۋە مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش ئادەمنى ساغلام قىلىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، ئۇ يەنە ئۇيقۇ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ زېھنى ئوچۇق بولىدۇ، ئىجادكارلىق ئۇرغۇيدۇ. تۇرمۇش تېخىمۇ مەنىلىك ۋە گۈزەل بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ