باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
ئۆسمۈر بالىلارغا بولغان سەنئەت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرەيلى
2008- 08- 04 18:41 شىنجاڭ گېزىتى

تۇنىسا مۇھەممەد

   ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە.

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا نىسبەتەن قالاق، مەنىۋى تۇرمۇشىمۇ نىسبەتەن غورىگىل. بۇ خىل قالاق ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ،  تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن، ئىشنى ئۆسمۈر بالىلار مائارىپىدىن باشلىشىمىز كېرەك. بىزدە مائارىپ ھەممىنىڭ ئاساسى، دەيدىغان ھېكمەت بار. شۇڭا ئۆسمۈر بالىلار مائارىپى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن يەسلى ۋە مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز  مائارىپىدىكى مۇھىم ھالقا. چۈنكى مەكتەپ بىلىم بۇلىقى،  مەكتەپ مائارىپى ئارقىلىق ئۆسمۈر بالىلارنى مۇكەممەل ئادەم قىلىپ تەربىيىلىگىلى بولىدۇ. لېكىن ئۆسمۈر – بالىلارنى ئەتراپلىق يېتىلگەن مۇكەممەل ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈشتە مەكتەپ مائارىپى بىلەن تەربىيىلىگەندىن سىرت يەنە سەنئەت جەھەتتىنمۇ تەربىيىلەش كېرەك. سەنئەت تەربىيىىسنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇ مۇزىكا، چالغۇ، گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق، تىياتىر، ئۇسسۇل قاتارلىق جەھەتتىن تەربىيىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر سەنئەت تەربىيىسى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدۇ، سەنئەت تەربىيىسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشتا مۆلچەرلىگۈسىز ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايدۇ. شۇڭا سەنئەت تەربىيىسى مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇشى لازىم. چۈنكى ئۆسمۈر –  بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش ناھايىتى زور ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

   بىرىنچى،  ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ قازغىلى، راۋاجلاندۇرغىلى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى››دەيدىغان چىرايلىق نامى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مول مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخىي مەزگىللەردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت – سەنئەتنى ياراتقان. تەسىرلىك خەلق چۆچەكلىرى، ئاجايىپ – غارايىپ ئەپسانىلەر، لەرزان مىللىيچە ئۇسسۇل، ناخشا،  مۇزىكىلار ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى ھېيت – بايراملار، يېقىملىق خەلق ناخشىلىرى، لېۋەن تاغ ناخشىلىرى، سېھىرلىك خەلق كۈيلىرى، ئاجايىپ نەپىس مىللىي چالغۇلار... دېمەك، خەلق سەنئىتى پۈتمەس بۇلاق، بۇ مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنىڭ جانلىق دەرسلىكى بولالايدۇ.

   ئىككىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش ئارقىلىق دۆلەتكە تۈركۈملەپ مىللىي سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز سەنئەت جەھەتتە يوشۇرۇن كۈچى زور ئىختىساسلىقلار ئامبىرى. خەلقىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي  تەرەققىيات داۋامىدا نۇرغۇن ئېسىل سەنئەت دۇردانىلىرىنى يارىتىپلا قالماي، يەنە تۈركۈملەپ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى يېتىشتۈردى، بۇ سەنئەتكارلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى ۋە ئۇلارغا ئىز بېسىپ نۇرغۇن – نۇرغۇن مىللىي سەنئەتكار يېتىشىپ چىقتى، ئۇلار پىشقان سەنئەت ماھارىتى ۋە ئۇسلۇبى بىلەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللىي ئەنئەنىۋى سەنئەتكە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى. شۇڭا ئاپتونوم رايونىمىزدا  ئۆسمۈر  بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش ئۆسمۈر  – بالىلارنىڭ  ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.

   ئۈچىنچى، ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا ئاممىۋى مەدەنىيەت – سەنئەت تايانچ خادىملىرىنى  يېتىشتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى ھازىر نىسبەتەن ئىستىخىيىلىك ھالەتتە بولۇپ، ھەتتا بەزى ساغلام بولمىغان ئامىللارمۇ مەۋجۇت. شۇڭا، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىك، مەقسەتلىك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك مەدەنىيەت، سەنئەت ساپاسىغا ئىگە ئىقتىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك،  شۇندىلا ئاممىۋى مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىنى بېيىتقىلى، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش. شۇڭا ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

   ئۇنداقتا  ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن قانداق تەربىيىلەش كېرەك؟

   بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشكە كۈچىنىڭ يېتىشىچە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى ھەم ئۇنى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا تۇتۇشى كېرەك. ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنىڭ  ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بۇ ئىشنى  ئىدىيە جەھەتتىن، تەشكىلىي جەھەتتىن، شۇنداقلا خىراجەت جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ياشلار بىرلەشمىلىرى، ئاياللار بىرلەشمىلىرى قاتارلىق ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆسمۈر بالىلارنى  سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنى ئۆز خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، بۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىمۇ ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. يېزا – بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرىمۇ ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنى بازا بىلەن تەمىنلىشى لازىم. يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەت ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشكە كۆڭۈل بۆلسىلا، يېقىن كەلگۈسىدىلا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆسمۈر بالىلارغا سەنئەت تەربىيىسى بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

   ئىككىنچى، ئالاقىدار خادىملارنى ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن جايلارغا  ئۆگىنىش، ئېكسكۇرسىيىگە  تەشكىللەش، جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلىلەرگىچە ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش لازىم.

   ئۈچىنچى، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشتىكى لاياقەتلىك يېتەكچىلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەشنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ يېتەكچىلەرنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن تاللاشقىمۇ، مەدەنىيەت پونكىتلىرىدىكى خادىملار ئارىسىدىن تاللاشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن، ئۇلار چوقۇم  بەلگىلىك سەنئەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.

   قىسقىسى، ئۆسمۈر بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش ئۇلارنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشتە زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكىمۇ  ئىگە. شۇڭا تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى  قوللىنىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى سەنئەت جەھەتتىن تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.  

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ