|
لىپەك سۆڭىكىنىڭ يۇمشاپ كېتىشى كۆپىنچە ھەرىكەتنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق بولۇپ كېتىشى ياكى ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭلاشقا ھەرىكەت قىلغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم .
1 . تەكشى ، مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش مەيدانىنى تاللاش ، بەك قاتتىق ياكى ئوڭغۇل – دوڭغۇل جايدا ھەرىكەت قىلماسلىقى لازىم .
2 . مۇۋاپىق تىزلىق ئىشلىتىپ لىپەكنى قوغداش ، مۇۋاپىق تەنھەرىكەت ئايىقى تاللاش لازىم .
3 . ھەرىكەتتىن بۇرۇن 10–15 مىنۇت بەدەن قىزىتىپ ، بەدەندىكى ھەر قايسى بوغۇملارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ، بوغۇملارنىڭ ئەتراپىدىكى پەيلەرنى ، تومۇرلارنى ئۇزارتىپ ، ھاۋا بىلەن قاننى راۋانلاشتۇرۇش لازىم .
4 . سەكرەش ھەرىكىتدە ئىككى پۇت يەرگە تەڭلا تەگكەن ۋاقىتتا پۇتنىڭ ئالقىنى ئاۋۋال يەرگە تېگىپ ، تىز بۇغۇمى ئازراق ئىگىلسە ، گەۋدە ئازراق ئالدىغا ئېڭىشسە ، ئاندىن كېيىن تاپان يەرگە تەگسە ، ئۇرۇلۇشنى پەسەيتىش رولىنى ئويناپ ، تىز بوغۇمىنىڭ سوقۇلۇشىنى ئازلىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىز بوغۇمىنىڭ يېنىغا ، ئالدىغا ياكى ئارقىغا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم .
5 . لىپەكتە ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ، دەرھال ئارام ئېلىش ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇر تەكشۈرتۈش لازىم
سەيدۇللا سەمەت تەرجىمىسى
|