|
ئىھتىبارقىز ئەزىز
— ۋاي ئاداش ، بالاڭلىنى سۆرەپ يەنە نەگە ماڭدىڭلا ؟
— ئايلاندۇرۇپ كېلەي دەپ تېشىغا ماڭدىم .
— قاچانلا قارىسا شۇنداق دەيدىكەنسىلە ، بالا دېگەننى ئانىسى باقمامدۇ ؟
—بۇ ئۆزۈم تاپقان بالا بولغاندىكىن ئۆزۈم باقارمەن شۇ . . . ھا. . . ھا . . . ھا . . .
ئېرىم يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي ، چاقچاقچى بولغاچقا ئۇنىڭ قوشنام بىلەن قىلىشىۋاتقان گەپلىرىگە كۈلۈپ قويىمەنۇ ، يەنە نېمىشقىدۇر ئويلىنىپ قالىمەن . . . . .
شۇنداق ، بالىنى بېقىش ، تەربىيىلەش كۆپ ھاللاردا ئانىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ ، بوۋاقنى ئېمىتىشتىن تارتىپ زاكىلاشقىچە ھەممىسى ئانىنىڭ ئىشى . ئەمما ھەممىگە ئانىلار ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ ھەم بۇنداق ئەندىزە قېلىپلىشىپ قالماسلىقى كېرەك .
ئانىنىڭ يېتىشەلمىگەن يەرلىرىگە تەڭ ھەمدەم بولۇش ئاتىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى ، چۈنكى ‹‹ ئائىلىنىڭ ئىناق – ئىجىل كەيپىياتىنى بىر ئانا ئۆزىگە تايىنىپلا يارىتىپ كېتەلمەيدۇ .
ئۇنداقتا ئائىلە تەربىيىسىدىكى ئاتىلارنىڭ سۇس مۇئامىلىسى بالا تەربىيىسىدە قانداق كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ ؟
كاشكى ئېمىتىش ۋە زاكىلاشتەك ئاددىي ئىشلار بىلەنلا بالا باققىلى بولسا ئىدى ، تۇرمۇشتا ئاتىلارنىڭ رولى ئۇنچە تەكىتلەنمىگەن بولار ئىدى . ئەمەلىيەتتە ، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە بارلىق جانلىقلاردەك ئادەممۇ ئانىنىڭ تېنىگە ، سۈتىگە ، پەرۋىشىگە زىيادە موھتاج . بۇ ئىشلار پەقەتلا ئانىنىڭ ئەجىرى بىلەن روياپقا چىقىدۇ . ئۇنداقتا بالا چوڭ بولۇپ ئانىنىڭ كۆكسى ۋە ئىنچىكە پەرۋىشىدىن سەل بوشانغاندا نېمىگە موھتاج بولىدۇ ؟ مانا بۇ چاغدا ئاتا بالىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناشقا باشلايدۇ . مايمۇنلار دۇنياسىغا نەزەر سالسىڭىز ، ئۇلاردا ئاتامانلىق ئورنى بار ، ئەمما ‹‹ئاتا ›› دېگەن بۇ ئۇقۇممۇ ، ئوبرازمۇ يوق . ئەلۋەتتە مايمۇنلارنىڭ كىچىك مايمۇنلارنى تۇغۇشى ئۈچۈن ئەركەك مايمۇنلارنىڭ بولۇشى شەرت بولسىمۇ ، ئەمما قايسى مايمۇنچاقنىڭ ئاتىسى كىم ، ئۇنى ئايرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا ئىنسانلاردەك ئۆز پۇشتىنىڭ بېجىرىم يېتىلىشى ئۈچۈن بالىلىرىنى يېمەكلىك ، جاي ۋە بىخەتەرلىك ئاتا ئۇقۇمى پەقەت ئىنسانلارنىڭ توپلىشىپ ياشاش ئېھتىياجى تۈپەيلى شەكىللىنىپ ، ئائىلە بىرلىكى ئېھتىياجىدىن ئاتا ۋە ئاتىنىڭ نوپۇزى ، مەسئۇلىيىتى شەكىللەنگەن . ئىنسانلا بولىدىكەن: مەيلى ئۇ قانچىلىك بېكىنمە ۋە قەدىمىيلىكىنى ساقلاپ قالغان مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇلاردا ئېنىق‹‹ ئانا ›› لىق ۋە‹‹ئاتا ›› لىق ئورنى ئايرىلغان ۋە ساقلاپ قېلىنغان . ئانا – بالىلىق مۇناسىۋىتىنى قانداقلا ھايۋان بولمىسۇن بىرلا قاراپ بىلىۋالالايسىز ، چۈنكى ئۇ ئانىنىڭ تېنىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىيلىكنى ئاساس قىلغان . ئەمما ‹‹ئاتا ›› دىن ئىبارەت بۇ ئىبارە پەقەت مەلۇم بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەت ياكى بىر ئادەت ، تۈزۈم ، قانۇن ئاستىدىلا ئاندىن ئېنىق ئايرىلىدۇ ، كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ ياكى ساقلىنىدۇ .
مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا ، ‹‹ئاتا ›› دېمەك ئائىلىدىكى ئىجتىمائىي شەخس دېمەكتۇر ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئانا ۋە بالىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي تەركىبتە كەم بولغان ‹‹تۈزۈم ›› ۋە ‹‹قائىدە›› بىرلىكلىرى جۇغلانغان بولىدۇ . مانا مۇشۇنىڭدىن ئاتىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ ، ئەگەر ‹‹ئاتا ›› ئۆزىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرسا ، ئۆزىنىڭ بۇ رولىنى ياخشى ئۆتەش ئۈچۈن كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرسە ، بالا ئۆزىمۇ سەزمەيلا ‹‹ ئاتا ›› ۋەكىللىكىدىكى ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە ‹‹تۈزۈم›› ، ‹‹ئادەت ›› ، ‹‹ياشاش قانۇنى›› ، ‹‹ ئادەم بولۇشنىڭ ئېپى – جېپى ›› قاتارلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زۆرۈر قائىدىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ . ئەگەر ئاتا پەرزەنت تەربىيىسىگە تازا كۆڭۈل بۆلمىسە ، ‹‹بالىنىڭ ئىشى – ئانىنىڭ ئىشى ›› غا ئايلىنىپ قالسا ، ئانا ھەرقانچە پىداكارانە بولغان ھالدىمۇ بۇ تەربىيىنىڭ نەتىجىسى يەنىلا بالىنىڭ ئىش ئۇقماس ، ساددا بولۇپ قېلىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ ، خالاس .
ئەگەر ئاتىلارنىڭ تەربىيىسى بالىنى ئانچە – مۇنچە ئۇچۇقداپ ، تەنبىھ بېرىپ قويۇش بىلەنلا تۈگەپ قالسا ، ئايدا –يىلدا بىر قارىسى كۆرۈنىدىغان ئالدىراش ئاتىلار بالىسىنى كۆرۈپلا تەن تەربىيىسى بېرىشكە ئالدىرىسا ، بالا تەبىئىي ھالدا ئاتىغا ئۆچ بولۇپ قالىدۇ ، ئاتا قىل دېگەننى قىلمايدىغان ، ئەكسچە ئىش تۇتىدىغان ، قاشاڭ بولۇۋالىدۇ . مىجەزى تۇراقسىزراق بالىلارمۇ كۆپىنچە ئاتىسىنى ياقتۇرمايدىغان چىقىپ قالىدۇ . قاتتىق قول ئاتىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن بالىلار بەلكىم تالانت ئىگىسى ياكى باتۇر قەھرىمانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ؛ ‹‹ ئەمما تارىخقا نەزەر سالسىڭىز ، ئۇلارنىڭمۇ قانداقتۇر خاراكتېر كەمتۈكلۈكىنىڭ ئاسارىتىدە ياشاپ ئۆسكەنلىكىنى سېزىسىز . يەنە بىر تەرەپتىن بەزى ئاتىلارنىڭ قىلىدىغان تۈزۈك ئىشى يوق ، لاغايلاپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ . ئۇلار بالىنىڭ تەربىيىسى تۈگۈل قورسىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ . بۇنداق ئاتىلارنىڭ بالىلىرى غەيرىيرەك ، قانداقتۇر ئۆزىنى يالغۇز ياكى ئالاھىدە سېزىدىغان بالا بولۇپ قېلىشى ، چوڭ بولغاندا ‹‹ئەسكى ›› قاتارىدا سانىلىپ قېلىشى مۇمكىن . ‹‹ئىشتىن ھېرىپ– ئېچىپ كەلگەندە ئارامخۇدا بىردەم خەۋەر كۆرگىلى قويمىغان ئادەمنى ، ئەجەب تويدۇم بۇ شۇملاردىن . . ›› مانا بۇ بەزى زەردىسى ئىتتىك ئەرلەرنىڭ سەبىيلەرنىڭ قىزىقىشلىق سوئاللىرىغا ياكى مېھىر سوراپ سۈركەلگەن يېقىنچىلىقلىرىغا قايتۇرغان جاۋابى . بۇنداق سوغۇق گەپنى ئاڭلىغان ئانىمۇ ئارىدا ئامالسىز قېلىپ ئۆزىنى ئېتىۋاتقان تامىقىغا مەشغۇل قىلىپ سۈكۈت ساقلايدۇ . . . بۇلار بىزگە تولىمۇ تونۇش تۇرمۇش كارتىنىلىرى . . . ئەمدى ئويلىنىپ بېقىڭ ، ھەممىگە قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ئۈلگۈرمەيدىغان بىر سەبىي ناۋادا ئاشۇنداق بىغەم ئاتا ۋە بىگانە ئانىغا دۇچ كېلىپ قالسا ، بۇ سەبىينىڭ قەلب ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچارمىز— ھە ؟
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژورنىلىدىن ئېلىندى
|