|
گېرمانىيە ‹‹يەر شارى›› ژورنىلىدا ئالىملار ئادەمنىڭ كۆپلىگەن ھېسسىي ۋە ئەقلىي سەزگۈلىرى قورساقنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. قورساقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ناھايىتى مۇرەككەپ نېرۋا تورى بولۇپ، بۇ، ئادەمنىڭ ئىككىنچى چوڭ مېڭىسى يەنى ‹‹ قورساق مېڭە›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا تەخمىنەن 100 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى بولۇپ، يۇلۇندىكى نېرۋا ھۈجەيرىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن. ئالىملار ئادەمنىڭ قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئادەمنىڭ تەپەككۇرىدىكى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى قورساق قىسمىدا شەكىللەنگەن، دەپ قارىغان.
كۇلومبىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل گىرسون تەتقىقات ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي توقۇلمىسىدا بىر خىل توقۇلما تۈزۈلۈشى يەنى نېرۋا ھۈجەيرە بىرىكمە تەنچىسى دەپ ئاتىلىدىغان تۈزۈلۈشنىڭ بارلىقىنى دەلىللىگەن. مەخسۇس ماددا – نېرۋا يەتكۈزگۈچى ئاپپاراتنىڭ ياردىمىدە بۇ بىرىكمە تەنچە مۇستەقىل ھالدا چوڭ مېڭە بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ ھەتتا چوڭ مېڭىگە ئوخشاش ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىشتەك ئەقلىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. مايكىل گېرسون بۇ تەتقىقات ئارقىلىق نېرۋا، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىك ئىلمىگە ئاساس سالدى. ئادەمنىڭ‹‹ ئىككىنچى چوڭ مېڭىسى›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تۈزۈلۈشنىڭ قىزىقارلىق كېلىش مەنبەسى بار. قەدىمكى كاۋاك ئىچلىك ھايۋانلاردا دەسلەپكى نېرۋا سىستېمىسى بولۇپ، بۇ نېرۋا سىستېمىسى جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۆزگىرىش باسقۇچىدا فونكسىيىسى مۇرەككەپ چوڭ مېڭىگە ئايلانغان، مەلۇم قىسمى قېلىپ ئىچكى ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىدىغان قىسىمغا يەنى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ خىل ئۆزگىرىشنى تۆرەلمە تەتققىيات جەريانىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ. تۆرەلمە نېرۋا سىستېمىسى شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۈجەيرىلەر توپلىمى دەسلەپتە بۆلۈنۈپ بىر قىسمى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا، يەنە بىر قىسمى تۆرەلمە تەننىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئاشقازان، ئۈچەيگە يۆتكىلىپ، بۇ يەردە مۇستەقىل نېرۋا سىستېمىسىغا ئايلىنىپ كېيىنكى تۆرەلمە تەرەققىيات جەريانىدا نېرۋا تالاسىنىڭ ياردىمىدە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بىلەن فونكسىيىلىك باغلانغان. ‹‹ ئىككىنچى مېڭە››نىڭ مۇستەقىل فونكسىيىسى: بىر تەرەپتىن چوڭ مېڭىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا رولىنى ئادا قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مۇستەقىل ھالدا بەزى فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلەرنى ئادا قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاشقازاننىڭ پائالىيىتى ۋە ھەزىم قىلىش جەريانىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ، مېتابولىزىم سۈرئىتىنى تەڭشەپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ۋە ياكى ئازايتىدۇ. شۇڭا ‹‹ قورساق مېڭە›› ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ باش كونتروللىغۇچىسى، دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ، ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە چىقىرىلىشى ‹‹قورساق مېڭە›› نىڭ ئالىي ئىقتىدارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بولۇپمۇ ‹‹ قورساق مېڭە›› خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىپ، قايسى ماددىلارنىڭ بەدەنگە پايدىلىق، قايسى ماددىلارنىڭ كېرەكسىز ھەتتا زەھەرلىك ماددا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، پايدىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، زىيانلىقلىرىنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىدۇ. زەھەرلىك ماددىلار ئادەم تىنىگە كىرگەندە ‹‹ قورساق مېڭە›› دەسلەپ سېزىپ، دەرھال چوڭ مېڭىگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى يەتكۈزىدۇ. قورساقتا چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تۈزۈلۈشكە ئوخشاش تۈزۈلۈش بولۇپ، بەلگىلىك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن: ئەگەر سىز بالىلىق ۋاقتىڭىزدا تاتلىق يېمەكلىكلەرگە زىيادە ئامراق بولسىڭىز، كېيىن بىزار بولۇپ، يېگىڭىزمۇ كەلمەسلىكى مۈمكىن. بۇ خىل سېزىم ‹‹قورساق مېڭە›› تەرىپىدىن ئەستە ساقلىنىپ، ئادەم چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇ، خىل تاتلىق يېمەكلىك ئېسىگە كېلىپ قالسا ئاشقازاندا دەرھال زەرداپ سۇ شەكىللىنىپ، ئاشقازان بىئارامسىزلىنىدۇ، ئۇندىن باشقا سىز ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يېقىنلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئازاپلارغا دۇچار بولسىڭىز، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاسانلا ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىسىز، بۇ ‹‹ قورساق مېڭە›› نىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
گەرچە ئالىملار ‹‹ ئىككىنچى چوڭ مېڭە›› نىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدىكى رولىنى بايقىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى يەنە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالىملار ‹‹ ئىككىنچى چوڭ مېڭە›› نىڭ ئادەمنىڭ تەپەككۇرى جەريانىدا زادى قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدى. يېقىن كەلگۈسىدە ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق كىشىلەر ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى تولۇق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشى مۈمكىن. شۇڭا ئالىملار شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، ئاشقازان، ئۈچەينى ئاسرىغانلىق، ئۆزىمىزنىڭ ‹‹ ئىككىنچى چوڭ مېڭە›› سىنى ئاسرىغانلىق بولىدۇ.
|