|
ئەنگىلىيە ئالىملىرى سۇدا پىشۇرۇلغان شوخلىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ تېرىنىڭ ئولتۇرا بىنەپشە نۇر ۋە قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئەنگىلىيە مانچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن نېۋكاتل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 20 پىدائىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ، ئۇلارنىڭ ئۇنى كۈنىگە ئاساسى تەركىبى سۇدا پىشۇرۇلغان شوخلىدا قىلىنغان 55 گرام شوخلا قىيامى ۋە ئون گرام زەيتۇن يېغى ئىستېمال قىلغان، قالغان ئونى زەيتۇن يېغىنىلا ئىستېمال قىلغان . ئۈچ ئايدىن كېيىن، زەيتۇن يېغىنىلا ئىستېمال قىلغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان شوخلىنى تەڭ ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئولتۇرا بىنەپشە نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى %33 يۇقىرى بولغان .
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە شوخلا قىزىلى دەپ ئاتىلىدىغان ئانتېئوكىسدنات بولسىمۇ، ئەمما پىشۇرۇلغان شوخلىنىڭ تەركىبىدە شوخلا قىزىلى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن. شۇڭا پىشۇرۇلغان شوخلىنى ئىستېمال قىلغاندا تېرىنىڭ ئولتۇرا بىنەپشە نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار يەنە پىشۇرۇلغان شوخلىنى ئىستېمال قىلغانلارنىڭ تېرىسىدىكى پرېكوللاگېن مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، پرېكوللاگېن تېرىنى چىڭىتىدىكەن، ئۇنىڭ تېرىدىكى مىقدارى ئاشسا تېرىنىڭ قېرىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاستىلىتىدىكەن ، ئەمما خام شوخلىنىڭ تېرىنى ئاسراش رولى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن.
فىنلاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىش ئادىتى ئېرسىيەتتىن بولىدىكەن. خېلسىنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 9 مىڭ قوشكېزەك ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تاماكا چېكىش ئادىتىنى تەكشۈرۈپ ۋە ئۇلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، تاماكا چېكىش ئادىتىنىڭ يېتىلىشى جەريانىدا گېن ئامىلىنىڭ ئۇلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كىشىلەرگە تاماكا تاشلاتقۇزۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
تەھرىر: ماھىنۇر
|