باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلام بولاي دېسىڭىز ...
2008- 08- 01 17:01 تەڭرىتاغ تورى

    *ئىتالىيىنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، گۆش ۋە سۈت يېمەكلىكلىرىگە ئامراق ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا ، مېۋە – چېۋە ، سەي – كۆكتاتقا ئامراق ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن .  

     *تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشچە ، زادىلا سۈت كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى يېمەيدىغانلار بىلەن كۈندە قېتىق ئىچىدىغان ياكى كۈندە 55 گرام ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۈت كىسلاتالىق ئىچىملىك ئىچىدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا ، كېيىنكىلەردە ئېغىر دەرىجىدىكى چىش ئەتراپى كېسەللىك ئالامەتلىرى  ئازراق كۆرۈلىدىكەن . تەركبىدە سۈت كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەر چىش مىلىكى قۇرۇپ قېلىش ۋە چىش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

     *قارا مېۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاش تۈردىكى باشقا سورتلاردىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ . قارا مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن ، سېلېن ، تۆمۈر ، كالتىسىي ، سىنىك قاتارلىق ماددىلار بولۇپ ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، راكقا ، ئوكسىدلىنىشقا ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار . قارا مېۋىدىن قارا ئۆرۈك ، قارا ئۈزۈم ، قارىقات قاتارلىقلار بار .

     *ياز پەسلىدىكى چارچاش كۆپ ھاللاردا تېمپېراتۇرا زىيادە ئۆرلەپ كېتىپ ، ئادەم تېنىدىن تەر كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ . ئادەم تېنى تەر بىلەن بىللە بەلگىلىك مىقداردىكى ناترىي ئېلېمېنتىنى يوقاتقاندىن باشقا ، يەنە خېلى زور مىقداردا كالىي يوقىتىدۇ ، كالىي تولۇقلانمىسا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا يازدا چاينى كۆپرەك ئىچكەننىڭ پايدىسى كۆپ ، چۈنكى چاي تەركىبىدە كالىي مول . چاينى كۆپ ئىچىپ بەرسە ھەم ئىسسىقنى ياندۇرغىلى ، ھەم كالىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ .

    *تاۋۇز شەربىتى بەدەندە بىر تەرەپتىن ھاراقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تورمۇزلاپ ، ھاراقنىڭ قانغا كىرىش مىقدارىنى ئازايتىدۇ ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، تاۋۇز شەربىتى ئىسپىرتنىڭ بەدەن سىرتىغا تېزرەك چىقىپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

ئەھمەد مۇسا تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ