|
ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەندە ئاستا خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەنگە چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك موسكۇللىرىنىڭ ئۆزگىرىپ يۈرەككە چۈشىدىغان يۈك ئارتىپ كېتىش، نەپەسلىنىش يوللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال تۈزۈلىشى بۇزۇلۇش، كۆپ قوزغىلىشچان نېرۋا ياللۇقى ، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش ۋە نەپەسلىنىش مەركىزىي نېرۋىسىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەر بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە ئاقسىل، ماي، قەنتلەر كەمچىل بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچكەن ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاز تاماق يەيدىغان بولۇپ، ھاراق ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىنى ئازايتىپ، ئۇزۇاق مەزگىل داۋام قىلىدىغان كۆڭۈل ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، يېمەكلىك مىقدارى ئازىيىپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىم ئۇزۇن مەزگىل ھاراق ئىچىدىغانلار تارىيىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇقىغا گىرىپتار بولىدىكەن ھەم ئاشقازان كېسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزمىمۇ نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە كۆپ خىل ۋېتامىنلار كەمچىل بولىدۇ. ھاراق ئىچىش ناھايىتى ئاسانلا پانتوتىنېك كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ۋېتامىن B1، نىكوتېك كىسلاتا ۋە ۋىتامىن 6B كەمچىل بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ۋېتامىن B1، ۋېتامىن 2B1 ۋە پانتوتىنېك كىسلاتانى سۈمۈرۈشنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. كېسەللىك ئالەمەتلىرى ئاساسلىقى نېرۋا كېسەللىكى، تىل ياللۇغلىنىپ قېلىش، قان ئازلىق، قان ھۈجەيلىرى ئازلاپ كېتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە كالتسىي، ماگىنىي، سىنىك قاتارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئىسپىرت ئىنچىكە ئۈچەينىڭ تۈزۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەم ھەزىم قلىىش بېزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە تولغاق قاتارلىقلار كۆرۈلۈپ، كۆپلىگەن ئانئورگانىك تۇزلار زىيانغا ئۇچىرايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكلەردىن قۇبۇل قىلىدىغان ئانئورگانىك تۈز مىقتارى ئاز بولغاچقا، قان سۈيۇقلۇقىدىكى سىنىك، مىس، ماگنىي قاتارلىق ماددىلارنمىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە يەنە جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئىسپىرتنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش ئاساسلىقى جىگەردە ئېلىپ بېرىلىپ، تەخمىنەن %90– %95 ئىسپىرت جىگەردە ماددا ئالماشتۇرۇشتىن ئۆتىدۇ. شۇڭلاشقا، ھاراق ئىچىشنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. ئىسپىرت جىگەر ھۈجەيلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئارقىلىق جىگەر كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈزلۈكسىز كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىدىغانلاردا ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش، جىگەر ياللۇقى، تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ئىسپىرتتىن كېلىپ چىققان جىگەر قېتىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ ھەم ئەڭ ئاخىرىدا جىگەر راكى بولۇپ قالىدۇ. بىر قېتىمدا بەك كۆپ ھاراق ئىچكەندە جىددىي خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن كىلىپ چىققان جىگەر ياللۇغىدىن باشقا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئىسپرت قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان تىرىپلىرىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىش يوللىرى يېپىشقاق پەردىلىرىگە قان تولۇپ قېلىش، سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، قىزىلئەڭگەچ ياللۇقى، ئاشقازان ياللۇقى، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش بەزى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللارنىڭ بىرى.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە سۈت بېزى راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشۈرۈۋېتىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، دائىم تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغان قىز – ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ھاراق ئىچىش مىقدارىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق سۈت بېزى راكىنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش ۋە ئارتېرىيىلىك تاجىسىمان قېتىشىشنى، ئۇندىن باشقا يەنە قان ئازلىق، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەنننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ۋە ھامىلىنىڭ تۇغما غەيرى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
|